ئاللاھ قانداق ئادەملەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە قانداق ئادەملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-01 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 451 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131201-115743.jpg

سوئال: ئاللاھ قانداق ئادەملەرنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە قانداق ئادەملەرنى ھىدايەت قىلمايدۇ؟

: جاۋاب: توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشنى خالىغان كىشىنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىش(توغرا يولغا يېتەكلەش) بىلەن بىرگە ئۇ كىشىگە توغرا يول تېپىشنىڭ ۋاسىتىلىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنى ئۇبدان بىلىدۇ[ نەجم سۈرىسى 30- ئايەت.].
ئاللاھ ھىدايەتنى خالىماي ئازغۇنلۇقنى ئۆزىگە راۋا كۆرگەن كىشىگە ئازغۇنلۇقنى نەسىب قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ يوللىرىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ[ سەف سۈرىسى 5 ئايەت.].
چۈنكى توغرا يولغا ھىدايەت تېپىش پەقەت ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئاللاھنىڭ بىر ئادەمنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغانلىقى ئۇ كىشىگە ئەڭ كاتتا نېمەت ئاتا قىلغانلىقىدۇر.
دۇنيادا توغرا يولغا ھىدايەت تېپىشتىن زور ئۇتۇق يوقتۇر. ئاللاھنىڭ بۇ كاتتا نېمىتى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا ئىنتىلمەستىن، ئارزۇ قىلىنماستىن ۋە سورالماستىن بېرىلمەيدۇ.
شۇڭا، ئاللاھ، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىغا ئەگەشكۈچىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ.
ئاللاھ بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ[ رەئد سۈرىسى 27 ئايەت.]

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *