ھايات ھەققىدە
ئەي ، ھاياتنىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىدىن،تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىدىن كۆزلىرى نەم ئىنسان . ئىچىڭنى سىقما ، نە بۇ دەرتلەر مەڭگۈلۈك ،نە بۇ ئۆمۈر !
ھاياتقا كۈلۈپ باق ، ئۆتمۈشنى ئۇنۇت ،كەلگۈسى بەختىڭنى كۈت . ھايات شۇنداق : بىرنى كۈلدۈرۈپ ،مىڭنى يىغلىتىدىغان ،دەرس بەرمەي تۇرۇپ ئىمتاھان ئالدىغان . بۇ ھاياتتا كىملەر كىملەرگە خار ،كىملەر كىملەرگە زار ،بارنىڭ قەدرى يوق ھەركىم يوققا ئىنتىزار . ئەگەر سەندە شەكسىز ئېتىقاد،يۈكسەك ئىرادە ،توغرا بولغان نىشان-غايە بولدىكەن ، ئىشەنگىنكى بەخىت ساڭا چوقۇم قۇچاق ئاچىدۇ ،بېشىڭدا ئەگىپ يۈرگەن غەم بۇلۇتلىرى سەندىن قاچىدۇ . ھايات ئەينەك كەبىدۇر سەن ھاياتقا كۈلۈپ قارىساڭ، ھاياتمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ، يىغلاپ تۇرۇپ قارىساڭ ،ھاياتنىڭ ساڭا بېرىدىغىنى پەقەتلا ئازاپ بولىدۇ ،ياشلىرىڭنى سۈرتىۋەت ، ئويلىساڭ يۈرىكىڭنى تىلغايدىغان ئەسلىمىلرىڭنى ئۇنتۇپ كەت ، ئاللاھنىڭ تۈرلۈك نېئمەتلىرى بىلەن ،تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىللىرى بىلەن ،ئەتراپىڭدىكى كىشلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن كۆڭلۈڭنى خوش ئەت …