پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-08 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 607 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20131208-224828.jpg

‏پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى

‏مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇچرىغان كىشىگە ئاۋۋال سالام بېرەتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پېقىر- مىسكىنلەر بىلەن ئولتۇرۇپ قۇپاتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئولتۇرۇشتا ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئولتۇراتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىراۋ بىر نەرسە سورىغان بولسا ”يوق“ دېمەيتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پاراڭلاشقان كىشىنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى، ئۇنىڭ قولىنى تۇتاتتى ۋە پاراڭلىشىۋاتقان ئادەم قويۇپ بەرمىگۈچىلىك قولىنى قويىۋەتمەيتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گەپ قىلغان كىشىگە شۇنچىلىك تىكىلىپ قارايتتىكى، ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى گۇمان قىلاتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، بىراۋنىڭ ئۆزىگە ئورنىدىن تۇرۇشىنى ياخشى كۆرمىگىنىدەك، بىراۋنىڭ ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە ماختىشىنى ياقتۇرمايتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يالغاننى كۆرگەندە غەزەپلىنەتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىش، ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقىنى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئۆتىگەندە ئەڭ قىسقا، ئۆزئالدىغا ناماز ئۆتىگەندە بولسا ئەڭ ئۇزۇن ناماز ئوقۇيتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتىقىغا كىرگەندە ئوڭ قولىنى ئوڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستىغا قوياتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇخلىماقچى بولغاندا جۇنۇپ بولسا جىنسى ئەزاسىنى يۇياتتى ۋە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خۇشال قىلىدىغان بىر ئىشنى كۆرگەندە شۈكرى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تەئەلاغا سەجدە قىلاتتى.
‏ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قەۋمدىن قورققىنىدا مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا سېنى دالدا قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ شەررىدىن سەن بىلەن پاناھ تىلەيمىز»… – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرگەندە مۇنداق دەيتتى: «نېمەتلىرى بىلەن ياخشىلىقلارنى تولۇقلاپ بېرىدىغان ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن.» يامان كۆرىدىغان بىر نەرسىنى كۆرگەندە بولسا مۇنداق دەيتتى: «ھەر ئەھۋالدا ئاللاھغا ھەمدۇ – سانالار بولسۇن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت (سۈننىت) ىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئوڭ يېنى ئۈستىگە ياتاتتى.
‏مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەييىتنى دەفنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ (قەبرىسىنىڭ) ئالدىدا تۇرۇپ مۇنداق دەيتتى: «قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا مۇستەھكەملىك سوراڭلار، چۈنكى ئۇ، ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ. – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاماقنى ئۈچ بارمىقى بىلەن يەيتتى، قولىنى سۈرتۈشتىن بۇرۇن يالايتتى.
– مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئېلىش، ئايىغىنى كىيىش، مېڭىش – تۇرۇش ۋە ھەر ئىشىدا ئوڭ تەرەپتىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۆت رەكئەت چاشكا نامىزىنى ئوقۇيتتى. (ۋە بەزىدە) تۆت رەكئەتتىن كۆپ ئۆتەيتتى.
‏مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇشىغا قارىماي ئاللاھ تائالادىن ئەخلاقىنى گۈزەل قىلىشىنى تىلەيتتى ۋە ناچار ئەخلاقلاردىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيتتى.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *