ئاچچىقنى چىقىرىۋېلىش ھەقىقەتەن سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟
كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاچچىقى كەلگەندە دەرھال چىقىرىۋېلىش سالامەتلىككە پايدىلىق، ئەمما تەتقىقاتچىلار يېقىندا ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشنىڭ «ئەكس تەسىر» پەيدا قىلىپ، تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئەنگىلىيەدىكى «پوچتا گېزىتى» ئېلان قىلغان بۇ خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئاچچىقنى بېسىۋالغاندا يامان ئاقىۋەتتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئادەم ئۆز-ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغان بولۇپ قالىدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: «ئاچچىقلانغاندا چوڭ مېڭىدە مەلۇم خىلدىكى خىمىيەلىك بىرىكمە ھاسىل بولۇپ ئادەمنى ئىچى بوشاپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ، بىراق كىشىلەر مۇشۇنداق تۇيغۇغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىشنى تېخىمۇ يوغىنىتىۋېتىدۇ». پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاچچىقنى بېسىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئاچچىقنى چىقىرىش ئەمەس، بەلكى دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراش، ئادەم ئاچچىقى كەلگەندە كۆڭلىنى ئاچىدىغان خۇشال ئىشلار بىلەن بەنت بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم.