بالا تەربىيەلەشتە …

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-01 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 148 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

ئامېرىكىلىق پىسخولوگ جىنوت بالا تەربىيەلەشتە ئائىلە باشلىقلىرى ئېغىزغا ئېلىشقا بولمايدىغان سۆزلەرنى ئون تۈرگە يىغىنچاقلىغان.

1. يامان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش: ‹‹سەن ھاماقەت›› دېگەن سۆزلەرنى قىلماسلىق.

2. پەس كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش: ‹‹سەن يارىماس›› دېگەن سۆزنى دېمەسلىك.

3. ئەيىبلەشتىن ساقلىنىش: ‹‹سەن خاتا قىپسەن، ئەجەپمۇ زېرىكتۈردۈڭ›› دېگەن سۆزنى قىلماسلىق.

4. بېسىشتىن ساقلىنىش: ‹‹تىلىڭنى تارت، بولدى ئەمدى سۆزلىمە›› دېمەسلىك.

5. زورلۇق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش: ‹‹مەن بولمايدۇ دېگەندىن كېيىن بولمايدۇ›› دېمەسلىك.

6. تەھدىت سېلىشتىن ساقلىنىش: ‹‹سېنىڭ بىلەن ئەمدى كارىم يوق، كۆزۈمدىن يوقال›› دېمەسلىك.

7. يالۋۇرۇشتىن ساقلىنىش: ‹‹كىچىك بوۋام، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي›› دېمەسلىك.

8. نارازىلىق ئىپادىلەيدىغان سۆزلەردىن ساقلىنىش: ‹‹بۇ بالا ئەجەپمۇ كۆڭلۈمنى ئاغرىتتى›› دېمەسلىك.

9. ۋەدە بېرىشتىن ساقلىنىش: ‹‹ئىمتىھاندا 100 نومۇر ئالساڭ، ساڭا ھېلىقى نەرسىنى ئېلىپ بېرىمەن›› دېمەسلىك.

10. كىنايە سۆزلەردىن ساقلىنىش: ‹‹سەن ھەقىقەتەن بولىدىكەنسەن، مۇشۇنچىلىك ئىشنى قىلالاپسەن›› دېمەسلىك.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *