چىراق نۇرى سۇسراق بولسا، تاماق ئازراق يېيىلىدىكەن
كۆرسىتىلىشىچە، ئاشخانىغا ئېسىلغان چىراغلار سۇسراق يورۇتۇلسا، لەرزان مۇزىكىلار قويۇلۇپ تۇرسا، خېرىدارلار تاماقنى ئازراق ئىستېمال قىلسىمۇ، تاماققا بەرگەن باھاسى ۋە ئاشخانىدىن رازى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تېز تاماقخانىلاردىكى چىراغلار سۇسراق يورۇتۇلسا ھەم لەرزان مۇزىكىلار ياڭراپ تۇرسا خېرىدارلار ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىك 949 كالورىيەدىن 775 كالورىيەگە تۆۋەنلىگەن. خېرىدارلار گەرچە تاماقنى ئازراق ئىستېمال قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى مەززە قىلىپ يېگەنلىكىنى ئېيتىشقان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئازادە ئاشخانا مۇھىتى خېرىدارلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ تاماق يېيىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى