ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرس (توققۇزىنچى دەرس)

يوللانغان ۋاقتى : 2013-02-22 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 192 views / ھازىر1دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

1) سۈكۈت قىلىشنى ئۆگەن. بەزىدە باشقىلار سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، گەپ تالاشقىڭ كەلمىسە سۈكۈت قىل. ئەسلىدىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ سېنى چۈشىنىشى كېرەك ئەمەس. شۇڭا ھەممە ئادەم مېنى چۈشەنسە بولاتتى دەپ ئويلىۋالما. بەزىدە سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، ئاچچىقىڭدا ئۇنىڭ بىلەنمۇ گەپ تالاشقىڭ كەلمەيدۇ. خەقلەرغۇ چۈشەنمىسۇن، ئۇمۇ چۈشەنمىگەن يەردە، يەنە كىمدىن ئاغرىنىسەن؟ شۇڭا گەپ قىلما، چۈشەندۈرۈش ئاقمىغان چاغدا، سۈكۈت قىلىش ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر.
2) ھېچ بولمىسا تەمكىن بول. ئىشلىرىڭ ئاقمايۋاتقان چاغدا يېنىڭدىكىلەر ساڭا: قەيسەر بول، ئۆزەڭنى خۇشال تۇت، دەيدۇ. قەيسەر بولمىساڭ بولمايدۇ، ئەمما خۇشال بولۇشچۇ؟ بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك خۇشال بولمىقىڭ تەس. كىممۇ قاش-قاپىقى يېرىلغان چاغدا خۇشال بولالىسۇن؟! ئەمما ھېچ بولمىسا تەمكىن بول، شۇندىلا ھەممە ئىشقا دادىل قارىيالايسەن ھەم ئۇنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايسەن. ۋەزمىنلىكتە خۇشاللىق يوق، ئەمما خاپىلىقمۇ يوق.
3) كىچىك پېئىللىقنى ئۆگەن. باشقىلار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا خاپا بولىسەن، ئۇ مېنىڭ قەستەن زىتىمغا تېگىۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. بولدى قىل، ئۆيۈڭگە بېرىپ تازىلىق قىل. لاتىنى ھۆل قىلىپ، پولغا يۈكىنىپ، پولنىڭ ھەممە يېرىنى پاكىز سۈرت. ئاندىن ئاشۇ گەپ تالاشقانلىرىڭنى، قىلغان ھەر بىر سۆزۈڭنى ئويلا. ئويلاپ باقساڭ، سەندىنمۇ كېتىپ قالغان يەرلەر بار. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ كۆڭلۈڭ ئەمدى جايىغا چۈشۈۋاتىدۇ، مانا شۇنچىلىك. بەزىدە يەرگە يۈكۈنۈپ ئىشلەشنى، ئاز-تولا تۆۋەنچىلىكنى ئۆگىنىپ قوي، بۇ ھەرىكەتلەر ساڭا كەمتەرلىكنى ئۆگىتىدۇ. ئۆيۈڭنى تازىلىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلۈڭدىكى غەللە-غەشلەرنىمۇ تازىلايسەن.
4) ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى… دېگەن خىيالنى ھەرگىز قىلما. ئۆمۈر گويا ھەر قەدەمدە ئاچا يولغا بۆلۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يولدۇر، توختىماي تاللايسەن. لەغمەن يەيمەنمۇ ياكى پولومۇ دېگەندەك ئىشلارنى تاللىساڭغۇ مەيلى، ئەمما قايسى فاكۇلتېتتا ئوقۇيمەن، نېمە خىزمەت قىلىمەن، توي قىلايمۇ قىلمايمۇ، بالىلىق بولايمۇ بولمايمۇ… دېگەندەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى تاللاشقا مەجبۇر بولىسەن. ئوخشىمىغان تاللاشتىن ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. بۇلار ھاياتتىكى چىدىغۇسىز يەڭگىللىك، ئۆمۈر دېگەن بىر قېتىملا كېلىدۇ، قايتا تاللاش پۇرسىتى بولمايدۇ، ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى-دە…ھەي ئىست…دەپ ئۆز-ئۆزەڭگە ھەسرەتلىنىپ سۆزلەيسەن، بولدى قىل، ئەمدى بولدى قىل! بۇ ئۇزاق يولدىكى ھەر دوقمۇشنىڭ ئۆزىگە لايىق قىممىتى بار، ياخشى-يامان دەپ كەسكىن ئايرىلمايدۇ، ھاياتىڭنى ئۆزەڭ بىلەن بىر گەۋدە دەپ بىل، كەچمىشىڭنى ئۆزەڭگە خاس ئىجادىيەت دەپ ئويلا، شۇنداق قىلساڭ ئۆتكەن كۈنۈڭگە پۇشايمان قىلمايسەن.
5) تىرشقىن، غەلبە قىل ياكى مەغلۇب بول، ئىشقىلىپ ۋاقتىڭ مەنىلىك ئۆتتى. باغچىدا كېتىۋېتىپ، شاخلىرى بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن گۈزەل دەرەخنى كۆرسەڭ توختاپ ئۇنىڭدىن زوقلان، زوقلىنىۋال، كۆرىۋال، پۇرىۋال، سۆيۈۋال. كىم بىلۇر، ھېلى قارا بوران چىقىپ بۇ دەرەخنى سۇندۇرىۋېتەمدۇ؟ ھەر نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەر نەرسە خەتەر ئىچىدە، بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەت، ھازىرنى، مۇشۇ پەيتنى چىڭ تۇت، ھەر پەيتتە مەڭگۈلۈك نەرسە بار، مەڭگۈلۈك نەرسىدە قىسقا پەيتنىڭ گۈزەللىكى بار.
6) ئاددىيلىقنى ساقلا. كىشىلەر دائىم ئارتۇق ئويلىنىپلا بۇ ھاياتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ھازىرنىڭ ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ دائىم ئۆتمۈشىنى ئەسلەيدۇ، كەلگۈسىدىن غەم قىلىدۇ؛ يەنى ئۆتمۈشىنى ئەگەشتۈرۈۋالىدۇ، كەلگۈسىنى ھازىرقى پەيتكە ھەمراھ قىلىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىۋەرسە ياشىماق تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتمەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاددىيلىق بىر خىل ئەركە ھالەتتۇر، تېرە سەزگۈسىگە تايىنىپ ھاۋا ئۆزگىرىشىنى بىلىۋېلىشتۇر، پۇراش سېزىمىغا تايىنىپ يامغۇردىن كېيىنكى ئوت-چۆپنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۇرىۋېلىشتۇر، كۆزى بلەن يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈۋېلىشتۇر، يەنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاشتۇر.
7) زاغرىنىمۇ يەپ باق. بۇغداي نېنى يەۋەرگەن چېغىڭدا زاغرىنىمۇ چايناپ باققۇڭ كېلىدۇ. داڭلىق رېژىسورلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈۋېرىپ زېرىككەن چېغىڭدا تەسىرلىك تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىمۇ كۆرگۈڭ كېلىپ قالىدۇ. مۇقام ئاڭلاپ زېرىككەن چېغىڭدا مودا ناخشىلارنىمۇ ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇغداي نېنى گالدىن يۇمشاق ئۆتىدۇ، داڭلىق كىنولار نەزەر دائىرەڭنى ئاچىدۇ، كىلاسسىك ناخشا-مۇزىكىلار روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما، دائىم ئېسىل يەپ، ئېسىل ياشاپ كېتىشنى خالىمايدىغان چاغلىرىڭ بولىدۇ. شۇڭا ئۆزەڭنى بەك يۇقىرىغا ئېسىپ قويما، تەبىئىي ياشا، ئەركىن نەپەس ئال. يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش سېنى كاتتىلارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما بەزىدە ئاددىي ياشىساڭ، ئاۋامغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسەن.
8) ئۆپكەڭنى بېسىۋال، كۈچۈڭنى خوراتما. بۈگۈن بىرسىدىن رەنجىدىڭ، ئۇ گەپتە سېنى چېقىۋالدى، سەن جېدەللىشىشنى خالىماي ئۇ يەردىن كەتتىڭ، ئەمما ئاچچىقىڭ ھېلىغىچە بېسىلمىدى، ئويلىغانچە غەزىۋىڭ تاشتى. غەزىۋىڭ ئۆرلىگەنچە ھالسىزلىنىپ، باشقا ئىشلارغا زادى رايىڭ بارمىدى. قىلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىڭ تاشلىنىپ قالدى. چۈنكى سەن غەزەبلىنىپلا تۇراتتىڭ. غەزەبلەندىڭ دېمەك شەيتانىڭغا يېڭىلدىڭ، كۈچۈڭنى خورىتىپ، دۈشمىنىڭگە يېڭىلدىڭ دېمەكتۇر. بۇ قارشى تەرەپكە پايدا، ئۆزەڭگە ئېغىر زىيان. غەزەبلىنىشكىمۇ كۈچ كېرەك، بۇ كۈچ ئىچكى ئېنىرگىيەدىن كېلىدۇ، دېمەك، سەن غەزەبلىنىش ئارقىلىق ۋۇجۇدۇڭدىكى بۇ ئېنىرگىيەنىمۇ خوراتتىڭ. شۇڭا، ئەقىللىق بولساڭ، ئۆزەڭنى بېسىۋال. ئاچچىقىڭ بېسىلمىسا ”بولدى، كۈچۈمنى خوراتماي“ دەپ ئۆزەڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇر.
9) تۆمۈرنى قىززىقىدا سوق. سەن بىر قۇر چىرايلىق كىيىم ئېلىپ ئاياپ كىيمىدىڭ، بۇ كىيىمىڭ ئىشكاپتا سۈپىتىنى ساقلاپ تۇرىۋەردى، يىللار ئۆتۈپ قارىساڭ، بۇ كىيىمىڭ ئاللىقاچان مودىدىن قالغان. دېمەك، پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. يەنە سەن چىرايلىق تورت ئېلىپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىدىڭ، ئەمدى يەي دەپ قارىساڭ، ئۇنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتىڭ. ئەڭ ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا كىيىۋالمىغان كىيىملىرىڭ، كۆڭلۈڭ تارتىپ تۇرغاندا يەۋالمىغان تورتلىرىڭ گويا قىلغۇڭ كېلىپ تۇرغاندا قىلىۋالمىغان ئىشلىرىڭغا ئوخشايدۇ، ئىست دەپ قالىسەن. ھاياتنىڭمۇ مۇددىتى بار، ئويلىغان ئىشلىرىڭنى بۇرۇنراق قىلىۋال؛ قىلسام بولاتتى، ئەتسەم بولاتتى دەپ كۆڭلۈڭدە ساقلاپ يۈرىۋەرسەڭ، پەيتى كېتىپ قالىدۇ. ئارزۇلىرىڭ مودىدىن قالغان كىيىمدەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن تورتتەك تاشلىنىپ قالىدۇ.
10) ئاستا-ئاستا تىنچلىققا قايت. بىر مەھەل چۈشكۈنلىشىپ كەتتىڭ، ھەتتا دېرىزىنى ئېچىپ، ئاپتاپقا قاراشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلدىڭ. دېرىزىدىكى گۈلگە سۇ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىڭ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە روھىڭ كۆتۈرۈلۈپ دېرىزىدىكى گۈلنى ئېسىڭگە ئالدىڭ: ۋاي خۇدايىم، بىچارە گۈل نېمە بولۇپ كەتكەندۇ-ھە! بېرىپ دېرىزىنى ئاچتىڭ، كۆردۈڭكى، گۈللەر ئېچىلىپ، شاماللار يەلپۈپ تۇرغان… ئەسلىدە بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۇ گۈلگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالساڭمۇ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن نەرسىلەر سېنىڭ دىققىتىڭنىڭ سىرتىدا ھەرىكەتلىنىدۇ، ئۆز ئىشىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە غەم يەم كەتمە، ئۆزەڭگە ئوبدان قارا، ئۆز ئىشىڭنى ياخشى قىل.

(ئەرتۈرك تەرجىمىسى)

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *