كەچۈر مېنى ئىبادەتلىرىم
كەچۈر مېنى ئىبادەتلىرىم خۇددى چۈشۈمدىكىدەك، غۇۋالىق ۋە چۆكەلمەسلىك ئىچىدە قىلغان ئىبادەتلىرىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. قەلبىم ئۆز نەپسىگە قۇل بولغان، نامازلىرىمغا باھانە چىققان، «مەن مۇسۇلمان! مەن ئىمان ئېيتقان!» دېگەن ياڭراق شۇئارلارنى ئېغىزىمدىلا توۋلاپ، رەڭدار دۇنيانىڭ پاسكىنىچىلىقلىرىغا مەپتۇن بولۇپ، سېنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. ئەقلىمگە مېنىپ، بوينۇمغا ئارغامچا سېلىپ، مېنى نوختىلاپ سۆرەپ يۈرگەن شەيتاننىڭ خالىغانچە باشقۇرۇشلىرى بىلەن سېنىڭ يولۇڭدىن بارغانچە ئېزىقىپ كەتكىنىمنى سېزىپ تۇرساممۇ «مېنى ھىدايەتكە باشلىغىن يائاللاھ» دېگىنىمچە شەيتاننىڭ نوختىسىدىن قۇتۇلۇشقا ھەرىكەت قىلماي، سەن تەرەپكە بىر قەدەم سىلجىماي، خۇددى ئاللاھ مېنى ئۆز قولى بىلەن يېنىڭغا ئاپىرىپ قويىدىغاندەك، شەيتاننىڭ ئېشىكى بولۇپ يۈرىۋەرگىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. «قۇرئان بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز» دەپ، چىرايلىق قاپلارغا سېلىپ، ئۆينىڭ ئېگىز جايلىرىدا قويۇپ، ھەر قېتىم ئۆي تازىلىغاندا بىرەر قېتىم سۈرتۈشنى ئۇنۇتمايمەنيۇ، قۇرئان ئوقۇي دېگەندە كومپيۇتېرغا، تېلېۋىزۇرغا، تېلېفۇنلارغا قارىغاندا ئىچىشمىغان كۆزلىرىمنىڭ ئېچىشىپ كەتكىنىدىن نۇمۇس قىلىمەن، بىرەر قېتىم ئوقۇپ قويغىنىمدا بولسا كىشىلەر يېنىغا بارغاندا «قۇرئان ئوقۇپ كەلدىم» دەپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئەزەلدىن مەندە ئاز بولغان سېنى تېخىمۇ ئازلىتىپ، سىنى رىياسىز قويالمىغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. «جىھادلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۆز نەپسى ئۈچۈن قىلىنغان جىھاددۇر»(پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) دېگەن كەلىمىنى سۆزلەپ تۇرۇقلۇق، ئۆز نەپسىمگە كەلگەندە سېنى قۇرۇق قويغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. تاماقنى چىرايلىق قاچىلارغا ئېلىپ، ئېگىز تەكچىلەردە قويۇپ، قاراپ ئولتۇرسام قورساق تويمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان مەن، قۇرئاننى ئېگىزگە ئېلىپ قويۇپ، ئوقۇمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى ياڭرىتىۋاتقان تۇرۇقلۇق دىنىمنىڭ ھاقارەت قىلىنىشىغا، بۇرمىلىنىشىغا، باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشىگە قول قۇشتۇرۇپ تۇرماقتىن باشقا ھىچنىمە قىلالماي، ئىككى ئېغىز ھەق ساداسى ياڭرىتالماي، ئىبادەتلىرىم ۋە تەقۋالىقىم ئارقىلىق رەببىمىزدىن ياردەم سورىماق تۈگۈل «ئاللاھ ھامان جاجاڭنى بېرىدۇ» دەپ خۇددى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك ھەممىنى ئاللاھقا ئارتىپ قويۇپ، يەنىلا بەخىرامان يۈرگەنلىكىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. «مەن بىر ئۆينىڭ يۈكىنى كۆتۈرىۋاتىمەن» دەپ پو ئاتقان ئەركەك تۇرۇقلۇق، ھەركۈن سەھەر شەيتان مېنىۋالغان بىر يوتقاننى كۆتۈرەلمەي، قوزا چۈشلەر بىلەن ئوقۇغان بامدات نامازدىن كېيىن قولۇمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قىلچىمۇ خېجىل بولماستىن «ئىبادەتلىرىمنى قوبۇل قىلغايسەن، ئۆلسەم جەننەتكە كىرگۈزگەيسەن يارەببىم» دەپ تىلۋاتقانلىرىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. سائەت-سائەتلەپ تېلېفۇن-كومپيۇتېر ئويناشقا، كىنو كۆرۈشكە چىققان ۋاقتىمدىن 10 مىنۇتىنىڭ ناماز ئۆتەشكە چىقمىغىنىدىن، ئۆمرۈم بويى بىر كېچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تەئەججۈت نامازلىرىنى ئوقۇيالمايمەنيۇ، كېچىچە بېرىلىدىغان تېلېۋىزيە پروگراممىلىرىنى كۆرەلەيدىغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم. رامىزان روزىسى كەلگەندە ئاشقازىنىمدىن چاتاق چىقىدۇ، ئەمما ھاراق سورۇنىدا مەن ساق تۇرغىنىمدىن، خاسىيەتلىك ئايلار ئېسىمدىن كۆتۈرۈپ كېتىدۇ، ئەمما غەربنىڭ بايراملىرى يادىمدا تۇرغىنىدىن، تىراۋىھ نامازلىرىدا چارچاپ كېتىمەن، ئەمما كېچىلىك بەزمىخانىلاردا بارلىقىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. يېشىمنىڭ بارغانچە چوڭىيىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، بەكرەك تىرىشىپ، كۆپرەك پۇل تېپىۋىلىشنى ئويلايمەنيۇ، قىيامەتنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆپرەك ئىبادەت قىلىپ، جەننەتكە يېقىنلىشىۋىلىشقا تىرىشمايمەن، ئون مىنۇتلۇق ئۇيقۇنى ئەۋزەل كۆرىمەنيۇ، بىر قېتىم ئۇزۇنراق قىلالمىغان ئىبادەتلىرىم، سەندىن نۇمۇس قىلىمەن. «بىر قېتىملىق غەيۋەت قىرىق قېتىملىق زىنا بىلەن تەڭ» دېگەننى بىلىمەنيۇ، ئەمما ئىككى ئادەم بىلەن بىر يەرگە كەلسەم ئاشۇ قىرىق قېتىملىق زىنانى قىلىمەن. خىزمەتلىرىمدە بىخۇدلۇق قىلسام چاتاق چىقىدىغانلىقى ھەرۋاقىت ئېسىمدە تۇرىدۇيۇ، بىخۇدلۇق بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ قىيامەت كۈنى يۈزۈمگە ئەسكى كېيىمدەك ئېتىلىشىنى ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغىنىمغا نۇمۇس قىلىمەن. ئۆزۈمنى مۇسۇلمان سانايمەن. «ئىدارىدە يوقلىما باركەن» دېسە ناشتامنىمۇ قىلماي، ئىشتاننى تەتۈر كېيىپ يۈگرەيمەن كېچىكىپ قالماي دەپ، ئاشۇ مۇز تەلەت باشلىقىمنىڭ ئىككى ئېغىز سېسىق گېپى بىلەن نەچچە كوي پۇلۇمدىن ئەنسىرەپ، ئەمما مېنى ياراتقان ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك قىيامەتكە ئاتاپ قويغان يوقلاملىرىدا بەخىرامان ئۇخلايدىغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. ئىش ئورنۇمدىن قۇرۇق قىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئارتۇقچە بەلگىلەنگەن، بىر موچەن مائاش قېتىپ بەرمەيدىغان كېچىلىك سىمىنىلاردا ئىشلەيمەنيۇ، ئاللاھنىڭ جەننىتىدىن قۇرۇق قىلىشتىن ئەنسىرەپ بىر سەجدە قىلىپ، بىر تەسبىھ ئېيتمايمەن، «ئۆي ئالىمەن» دەپ يېمەي-ئىچمەي يىغىمەنيۇ، نەچچە يىللا تۇرالايدىغان ئۆيۈمدىن نەچچە مىليۇن ھەتتا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بولغان ئۇدۇنيادىكى ئۆيۈم جەننەت ئۈچۈن مەبلەغ توپلىمايمەن، «ئاللاھ ئەپۇ قىلار» دەپ تاشلىۋەتكەن ئىبادەتلىرىم، سېنىڭدىن نۇمۇس قىلىمەن. دۇكىنىمغا قول تەڭلەپ كىرگەن تىلەمچىگە بەش موچەننى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئىشلەش توغۇرلۇق، ساختىپەزلىق قىلماسلىق توغۇرلۇق ۋەز ئاچىمەنيۇ، بىرەر قېتىم ئۆز پۇللىرىمدىن زاكات ئايرىپ، كىشىگە قول تەڭلىيەلمەي، جاپا چېكىپ ئىشلەۋاتقان ھەقىقىي يوقسۇل قىرىنداشلىرىمنى يوقلىيالمىغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. يات دىندىكىلەرنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى ئاڭلىسام «يا ئاللاھ، شۇنچە مېھرىبان مۇسۇلمان قىلغىنىڭغا تەشەككۈر» دەيمەنيۇ، ئاشۇ مېھرىبانلىقنى ھىچبىر كىشىگە ئادا تاپمايمەن، مۇسۇلمانلار مەملىكەتلىرىدىكى ئاپەت خەۋەرلىرىنى كۆرسەم «شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنۈڭگە» دەيمەنيۇ، ئەتراپىمدىكى شۇ كىشىلەر كەبىي قىرىنداشلىرىمنى ئېسىمگە ئالالمىغانلىقىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. مەن ئىبادەتلىرىمدىن نۇمۇس قىلىمەن، بەش ۋاق نامازنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، يېتىم قالدۇرۇپ، ئاران بىر ۋاق، بولمىسا ئۇنىمۇ يوق قىلغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن رامىزانىنى خېجىل قىلىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە يېقىن يولاتمىغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. پىشانەمدىن تامچە-تامچە تەرلەرنى ئاققۇزۇپ تاپقان ھالال پۇلۇمنى زاكىتىنى ئايرىماي ھارام قىلغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. ئىدارەمدىن بەرگەن بىر ئەسكى تەقدىر قەغىزىنى تاملارغا چاپلاپ، نەچچە ۋاق سۈرتۈپ شۇنچە ئەتىۋارلايمەنيۇ، ئاللاھ ماڭا بەرگەن ئىمان ۋە دىننى شۇنچە خارابلاشتۇرغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن. كۈندە 2-3 ۋاق ئىشلىتىدىغان ماشىنىنىڭ ئايلىق بېلىتىنى كۈندە نەچچە تەكشۈرۈپ، بوينۇمغا ئېسىپ، يوقلاپ تۇرىمەنيۇ، ئاللاھ ماڭا سوۋغا قىلغان بەش ۋاق نامازنى ئىزەپ قويمايمەن، «پالانى ئاشخانىنىڭ تامىقى ئوخشايدىكەن» دېسە ئۈلپەتلىرىمنى ئەگەشتۈرۈپ يېراق دېمەي بارىمەنيۇ، دەرۋازامنىڭ يېنىدىكى مەسچىتكە چىقار چاغدا چارچاپ قالىمەن، يۇقىرىدىن كەلگەن باشلىقلارنىڭ يىغىنلىرىدا تىك ئولتۇرۇپ، چاۋاك چېلىپ، سېنىڭ ۋاقتىڭدا ئۇخلاپ قالغىنىمدىن نۇمۇس قىلىمەن ئىبادەتلىرىم ..