ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىكى ئۈچ دەرىجە
ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشتا، ئادىل ۋە ھەققانىيلىقنى پىرىنسىپ قىلىش؛ پىكىر ئالماشتۇرۇشتا، چۈشىنىش ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئۆلچەم قىلىش؛ باشقىلار بىلەن باردى- كەلدى قىلىشتا، ئىدراكىي بولۇشنى تەبىئىيلىك دەپ تونۇش؛ شۇنداقلا ئىقتىساد باشقۇرۇشتا، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشنى نورماللىق دەپ بىلىش كېرەك.
ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت قانداق بولۇشى كېرەك؟ بۇنىڭغا ئۈچ دەرىجە بار. قېنى قاراپ بېقىڭ، سىز قايسىسىغا چۈشىسىز؟ بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
ياخشى ئەر: ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىغا ياردەملىشىدۇ. خوتۇنىنىڭ ئالدىراش خىزمەت قىلغاندىن سىرت، ئۆينىڭ جاپاسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ دەردىگە يېتىدۇ، ئائىلە ئىشلىرىنى تەڭمۇ- تەڭ قىلىشىدۇ. بۇنداق ئەر ياخشى ئەر ھېساپلىنىدۇ.
ئوتتۇرا ھال ئەر: ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇغاچ، خوتۇنىنى ماختاپ قويىدۇ. ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ كەتمەيدۇ، ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن گەرچە چاي ئىچكەچ گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرسىمۇ، ھېچبولمىغاندا خوتۇنىنى ماختاپ، ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، خوتۇنى ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ رازى بولىدۇ.
ناچار ئەر: ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئادەم بوزەك قىلىمەنلا دەيدۇ، ئۇ يەر- بۇ يەردىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرىدۇ، ئۆزى ئەڭ جاپا تارتىۋاتقاندەك، ئائىلە ئۈچۈن ئەڭ كۆپ بەدەل تۆلەۋاتقاندەك قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خوتۇنىغا تامىقىڭ ئوخشىماپتۇ، ياسىنىشنى بىلمەيسەن، كۆزۈمگە سىغمايسەن، دېگەندەك گەپلەرنى تەييارلاپلا تۇرىدۇ.
ياخشى خوتۇن: ئۆينى پاكىز تۇتىدۇ، مېھرىبان، ئەدەپ- قائىدىلىك كېلىدۇ. كونىلاردا ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خوتۇن دېگەن گەپ بار. دىتى بار خوتۇن ئىقتىسادچان، تېجەشلىك ئۆي تۇتىدۇ، ئۆيىنىڭ پاكىز، مۇئامىلىسىنىڭ مېھرىبان، نازاكەتلىك، يۈرۈش- تۇرۇشىنىڭ سىلىق- سىپايە بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئېرىنىڭ ھالىغا يېتىدۇ، غەملىرىنى يېنىكلىتەلەيدۇ.
ئوتتۇرا ھال خوتۇن: ئېرىنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىدۇ، ئەجرىگە تەشەككۇر بىلدۈرىدۇ. شېكىسپىر مۇنداق دېگەن: بىر لاياقەتلىك خوتۇن ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتىن باشقا، يەنە مېھرىبان ئانا، ياخشى ھەمراھ، كۆڭۈلدىكىدەك مەشۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل سالاھىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. شۇڭا، ئۆي تۇتۇشتا كالتە پەمرەك خانىملار ھېچبولمىغاندا، بۇغداي سۆزلۈك بولۇشنى، ئېرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئەجىر- مېھنىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى بىلىشى كېرەك.
ناچار خوتۇن: ۋات- ۋات، قۇسۇرچى، شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ئۆي تۇتۇشتا دىتسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېرىنىڭ پۇتى بوسۇغىدىن ئاتلار- ئاتلىمايلا كوتۇلداشنى باشلىۋېتىدۇ، پۇلنى جېق تاپالمىدىڭ دەپ ئېرىنىڭ كەسپىنى چۈشىرىدۇ، تۈزۈكرەك ئۆيمۇ سېتىۋالالمىدۇق، ئۇچىمىزغا ياخشىراق كىيىم چىقمىدى دېگەندەك گەپلەر ئېغىزىمغا رەم بولۇپ قالغان بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلىرى بۇنداق ئۆينى تۈرمە دەپ بىلىدۇ.
نىكاھ ئادەتتە جۆرىسىنىڭ جاپا- مۇشەققىتىنى ھېس قىلالماسلىق، ئەجىر- مېھنىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەسلىك سەۋەبىدىن مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا، ئەر- خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى ئۆز- ئارا كۆيۈنۈش، ئۆز- ئارا بىر- بىرىنىڭ دەرىگە دەرمان بولۇش ئاساسىغا قورۇلغان بولۇشى كېرەك، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مۈشكۈللۈككە يولۇققاندا، ياردەم بېرىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ ئۆز- ئارا بىللە بولىدىغان ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىلغاندىلا، ئاندىن نىكاھتا بەختلىك بولغىلى بولىدۇ.