ئەزىز ھەمشىرىللىرىمىز بەك دىققەت قىلىڭلار

ئەزىز ھەمشىرىللىرىمىز بەك دىققەت قىلىڭلار .ئاللاھ ئاياللارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى نامەھرەمدىن ساقلىشىنى ئەمىر قىلدى.ئەۋرەتلىرىنى نامەھرەمدىن ساقلىماسلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرەتتە ھەر بىر ئوچۇق ياكى كىيىملىرىدىن بىلىنىپ تۇرغان ئەزالىرى ،شەيتان ۋە تاشلار ،گۇناھكارلار،ھىچ قانداق رەھىم-شەپقەت قىلمايدىغان،قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختا قاتتىق ئازاپقا تىگىشلىك بولىدۇ.شۇڭا ھەر بىر قىز ھەمشىرىللىرىمىز كىيىم-كىچەكلەرگە بەك دىققەت قىلشىڭلار كىرەك.ھازىر قىزلىرىمىزدا نىپىز ،بەدەنلىرىگە چاپلىشىپ تۇردىغان ئىشتان دىگەندەك نەرسىلەر مودا بولغان ئوخشايدۇ.ئۇلۇغ ئاللاھ شۇلارنىڭ قەلبىگە ئىنساپ تەۋپىق ھىدايەت ئاتا قىلسۇن. (ئامىن) ؟.لىكىن قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا زامانىمىزدىكى ھەر قانداق ئىلغار، ياكى ئەڭ قىممەت مودىلار ھىچ كار قىلماس.پەقەت قىلغان ياخشى ئەمەللىرى،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئەۋرەتلىرىنى نامەھرەملەردىن ساقلىغان ،ئىبادەتلىرىنى تولۇق قىلغان،قىرىنداشلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىللىرىگە زىيانكەشلىك قىلمىغان ،پەيغەمبىرىمىز محمد صلى الله عليه وسلم نىڭ سۈننەتلىرىنى تەرك ئەتمىگەن .پاك ئەمەللىرى بولسا،ئەنە شۇلارنى ئۇلۇغ ئاللاھ كاتتا مەرتىۋىگە ۋە ھىدايىتىگە، رەھىم-شەپقىتىگە ئىرىشتۈرىدۇ.ئىنشائاللا.ھەر بىرىمىزنىڭ كۈتىدىغىنى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قىيامەتتىكى قاتتىق ئازاپتىن ساقلىشى،ۋە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىشى بىز ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزىلى شۇ.بىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ياخشى ئىش بولمىسا كىرەك.