ئسىل ئايال، ئسىل ئەر، ئىسىل-گەپ!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-21 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 283 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

‏   ئسىل ئايال، ئسىل ئەر، ئىسىل-گەپ!

رېستۇرانغا يىغىلىشقان ئاياللار قەدەھلەرنى سوقۇشتۇرۇپ ئەركىنلىككە تەنتەنە قىلماقتا. ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغىلى 10 ئەسىردىن ئاشقان ئۇيغۇردا بىز مەسخىرە قىلغان غەرب جەمئىيىتىدىكىدىنمۇ ئېغىر روھىي بۆھران يۈز بەرمەكتە ئىدى. بىز مۇسۇلمان دېدۇق، ھاراقتىن قول ئۈزەلمىدۇق. ئۆزىمىزنى ئەر دېدۇق، ئەرگە ئوخشىيالمىدۇق. ۋەتەن دېدۇق، ۋەتەننى چىن مەنىسى بىلەن سۆيەلمىدۇق. ئائىلىمىزگە ئىگە بولالمىدۇق. ئۇف! ھاياجانلىنىشتىن توختاپ ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىدىم: ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر خىزمەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشىپتۇ. ئەمما چاتاقمۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىپتۇ.

–         مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئىشلەۋاتىمەن، ساڭا ئوخشاش پۇل تېپىۋاتىمەن.- دەيدۇ ئايال سومكىسىنى كارۋاتقا تاشلاپ.

ئەر ئامالسىز، چۈنكى بۇ ھەقىقەت. يا ئۇ مەردانىلىق بىلەن «قۇشقاچلارغىمۇ ئاللاھ رىزىق بېرىۋاتىدۇ، بىزمۇ ئاچ قالماسمىز» دەپ ئايالىنى ئۆيىدە پەرزەنت تەربىيىلەشكە تۇتۇپ قالالمايدۇ ياكى ئائىلىدە ئەرلىك سالاھىيەتنى تىكلىيەلمەيدۇ. كالىدەك پۇشۇلداپ، تاشپاقىدەك مىسىلداپ، تالاي پۇشايمانغا تولغان ئائىلە ھارۋىسىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان ئەرلەر ئارىمىزدا ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا گاھىدا «ۋاللىدە» قىلىپ بىر جۇشقۇن روھنىڭ چاقمىقى چېقىپ قالىدۇ. لېكىن، رىئاللىقنىڭ كۆڭۈلنى ھېرىتقۇچى ئالامانلىرى ئىچىدە پىچىۋېتىلگەن قوچقاردەك ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ئاياللارنىڭ قۇيرۇقى دىڭ، چۈنكى ئۇلار ئەيمەنگۈدەك ئەر يوق، ئۇلارنى ئەيمەندۈرگىدەك ئەر يوق، ئۇلارنى تەربىيلىگۈدەك ئەر يوق. بەلكى، ئۇلارنىڭ كاسىسىغا، يېرىم ئوچۇق كۆكسىگە شەھۋەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئەر خىزمەتداشلىرى بار.

بوۋام نەسىھەت قىلىۋاتاتتى:- قىزىم كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقما.

لېكىن ، ئاياللار نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق يوللارنى يالغۇز بېسىپ ساياھەت، كاماندىروپكىلارغا چىقالايدىغان بولدى.

مومام نەسىھەت قىلاتتى:- ئايال كىشى خۇشبۇي ئىشلىتىپ سىرتقا چىقسا، ئۇنى يات ئەر پۇرىسا، ئۇ ئايال كىشى زىنا قىلغان بولۇر.

يەنە نامسىز بوۋىلىرىم نەسىھەت قىلىۋاتاتتى:- ئايالىنى كۈنلىمىگەن ئادەم دەيۈز بولىدۇ. دەيۈزلەر جەننەتكە كىرمەيدۇ. جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ ھىدلىيالمايدۇ.

ۋاھالەنكى، مەن ئەتىر ھىدىدا مەست بوپقالاي دېدىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەي ناتونۇش ھەدە، پاچىقىڭىزنى ياپقان بولسىڭىز، ياقىسى پۈتۈنرەك كىيىم كەيگەن بولسىڭىز. ئۇ ئېرىڭىزگىلا تەئەللۇق نەرسىلەر ئىدىغۇ!

تۇيۇقسىزلا دەۋزەختىن بىر ئايالنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.

ساھابىلەردىن بىرى ئۇرۇشقا چىقىش ئالدىدا ئوغلى ئاغرىق ھالەتتە قالغان ئىدى. ئارىلىقتا ئوغۇل ئالەمدىن ئۆتتى. دەل شۇ كۈنى ساھابىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى كەلدى. ئايالى تىنىقى توختىغان ئوغلىنىڭ يۈزىنى يېپىپ قويۇپ، چىرايلىق ياسىنىپ، خۇشبۇي ئىشلىتىپ ئېرىنى پۈتۈن مېھرى – مۇھەببىتى بىلەن كۈتىۋالدى. ئەتىسى ئايال ئېيتتىكى:- ئەي ئېرىم. سىز بىراۋدىن قەرز ئالغان بولسىڭىز، قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟

–         ئەلۋەتتە.- دېدى ساھابە بۇ سۇئالدىن ئەجەبلىنىپ.

–         ئاللاھ ئامانەتنى ئالدى. ئوغلىڭىز تۈنۈگۈن قازا قىلدى- دېدى ئايال. شۇ كېچە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئايالنىڭ بويىدا قالدى. ئوغلى شۇنچىلىق تەقۋادار، ئىلىم ئەھلى بولدى.

ئىمان قەلبكە قانچە چوڭقۇر ئۆزلەشكەنسېرى ئىتائەت شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. ئەكسىچە ئىمان قەلبىگە ئۆزلەشمىگەن ئايال ھىجاپلانغان تەقدىردىمۇ شەيتاننىڭ ھەمشېرىكىدۇر.

شۇڭا ئېيتىلىپتۇكى:- ئەقىدە بىلمىگەن ئالىم شەيتانغا ئەلدۇر،

          ئىبادەت قىلسا گەر مىڭ يىل، ئۇ بەرىبىر يەلدۇر

مويسىپىتلار ئېيتىدۇ: ئايال كىشى شۇنداق بولۇشى كېرەككى، ئەر يامان ئىش ئۈچۈن كوچىغا ماڭسا ، باشقىلار بىلىپ قالمىسۇن ئۈچۈن ئېرىنىڭ ئىزىنى سۈپۈرۈپ ماڭىدۇ.

ئەگەر ياخشى ئىش ئۈچۈن ماڭسا ئىزىنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى، خالايىقنىڭ بىلىشى ئۈچۈن ئۇ ئىزنى تۇمىقى بىلىپ باستۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن، ئاللاھ رازى بولغان ئايالنىڭ جەننەتتە يەنە يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئېرىنىڭ جەننەتتىكى ھۈر ئاياللىرىدىنمۇ دەرىجە جەھەتتىن ئۈستۈن بولىدىغانلىقى ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان.
يامان ئىشتىن توسۇدىغان ئادەم يوق. لېكىن پاكىزە يولدا مېڭىشنى ئويلىغان ئادەمگە توسۇق كۆپ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *