دۇنيادا گۇناھ يوق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-08-28 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 144 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

دۇنيادا گۇناھ يوق

بىز ئازاب چەككەندىلا ئاندىن راستتىنلا ئۆز روھىمىزغا تايىنىپ ياشاشقا باشلايمىز.
بىز بىر بىمارغا ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىشىمىز كېرەك: ئۇنىڭ كېسىلى ئۇنى بۇ دۇنيادىن ھايال قالمايلا ئېلىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساق، بىز كېسەللىك ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ياخشى پۇرسەتنى ئېلىپ كەتكەن بولىمىز، چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالىدۇ.
ئەما، توكۇر، گاس ياكى گاچا ئادەملەر ئۆزلىرىنى تەندۇرۇس، نورمال ئادەملەرگە نىسبەتەن بەختسىز دەپ قارايدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەردەك ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ خۇشال بولالمايدۇ. بىزنىڭ قۇت ۋە سەرخۇشلۇقلىرىمىز جىسمىمىزدا ئەمەس، بەلكى روھىمىزدىدۇر. جىسمانىيىتى ئەڭ ئاجىز ئادەم بەلكىم تېنى ئەڭ ساغلام، كۈچلۈك ئادەمدىنمۇ كۆپرەك مەنىۋى ئىچكىي قۇدرەت ھازىرلىيالىشى مۇمكىن.
كېچە ئاسمىنى بىزگە ئۆز باغرىدىكى غۇچچىدە يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزمۇ بىزگە ھاياتنىڭ مەناسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *