قاسساپلار سەمىگە

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-03 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 161 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قاسساپلار سەمىگە

ئېلگىرى بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ باقمىغاندىكىن بىلمەپتىكەنمەن، قايسى كۈنى خوتۇن گۆشكە چىقىپ كىتىپ كىرگەندە «بۈگۈن شۇنداق بەلەن مايسىز گۆش سىتىۋالدىم…» دەپ كىرىپتۇ، قاراىسام بىر پارچە ئادەتتىكىدەك گۆش، يەنە بىر پارچە جىگە تۇرۇپتۇ…

نىمە ئىشلىقىنى سۈرۈشتۈرسەم قاسساپ ئۇستام گۆشنى تارتىپ بولۇپ تاينلىق مانچە يۈەنگە توشقىزۋىتەي دەپ بىر پارچە جىگەرنى قوشۇپ بېرىپتۇ….

خوتۇنغا دىدىم، ئالمىساڭ بولمامدۇ بۇنداق گۆشنى، جىگەرنىڭ كىلوسى 10كويغىمۇ بارمايدۇ، قوي گۆشىنىڭ كىلوسى 50 كويدىن ئاشىدۇ، سەن ئالتۇن ئالغاندا بىر يىرىم مىسقال ئالتۇنغا، يىرىم مىسقال تۆمۈرنى قوشۇپ بېرىپ ئىككى مىسقال ئالتۇننىڭ پۇلىنى ئالسا رازى بولامتىڭ؟

-قەشقەدىكى قاسساپلار شۇنداق قىلىتتى، جىگەر ياكى ماينى مەجبۇر قوشۇپ قويىدۇ…

-بوپتۇ ئۇنداق بولسا، قەشقەدىن كەلگەن قوي ئوخشايدۇ دەپ قويدۇم

تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە «جىڭ تارازىدا ئادىل بولۇش لازىم» لىقىنى بىر قانچە يەردە تەكرارلىدى، ئېلگىرى چوڭلاردىن ئاڭلىسام مۇشۇ قاسساپلار چوكىلىق جىڭ بار ۋاقتىدا گۆشنى كىسىپ تەخسىگە پاققىدە تاشلاپ جىڭنىڭ چوكىسى كۆتىرىلگەن ھامان شۇيەردىن «كاپپىدە» تۇتىۋېلىپ بېرەتتىكەنمىش، ئەمدى كىيىنچە تاختىلىق جىڭ چىققاندىن كىيىن ئۇ ئىش ئاقمىسا بەزىلىرى گۆشكە سۇنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىۋالىدىغان بولىشتى، ئۇنى ھۆكىمەت بىسىقتۇرۇپ بولا بولمايلا ئەمدى ما قىلىقنىڭ چىققىنىنى نىمىسى؟

كىچىك چىغىمدا بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى ئۇنى قاسساپلىققا شاگىرىت بېرىپ ئۈگىنىپ بولسا كىيىن ھۈنەر قىلغىلى قويمىغانتى، سەۋەبىنىى سورىسام «ئاداش، قاسساپ ئۆلگەندە جىنى بەك تەس چىقامىش، قوقۇپ قالدىم…» دىگەنىتى، ئەمدى سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم…

گۆشكە جىگەرنى ئارلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىش يا بۇرۇندىنلا بار بولسۇن ياكى يېڭى پەيدا بولغان مۇدا قىلىق بولسۇن گۆش سودىسى قىلىۋاتقانلار بۇنىڭدىن قەتتى ھەزەر قىلمىقى لازىم، چۈنكى بازاردا (ھەرقانداق يەردە) جىگەر بىلەن گۆشنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە پەرىقلىندۇ، كىشنىڭ ھەققىدىن قوقمايدىغان نا ئىنساپ قاسساپلار «جىگەر دىگەن قان بولىدۇ..» دەپ مىڭ چىرايلىق گەپ بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ئوغىرلىقىنى پەردازلىسۇن بۇ گەر بەرىبىر چەك باسمايدۇ، چۈنكى بىز قاسساپتىن پەقەتلا جىگەر ئالىمەن دەپ بارساق ھەرگىزمۇۇ ئىزىپ-تىزىپ 1000 قىتىمنىڭ بىرەر قىتىمىدىمۇ 2كىلو جگەرگە 1كىلو گۆش قوشۇپ ئۈچ كىلو جىگەرنىڭ پۇلىنى ھېساپلىمايدۇ، بىز ئۇلارىدىن 200 كويلۇق گۆش ئالغان بولساق 150 كويغا خەلىق پۇلى 50كويغا ئۆزبىكستاننىڭ ياكى تاجىكستاننىڭ پۇلىنى بەرسەك يەنە ئۇنمايدۇ…. چۈنكى ئۇل قاسساپ پۇلنىڭ، ئۆزى ستىۋاتقان نەرسىنىڭ قىممىتىنى ھېساپلىيالايدۇ…

قايسى كۈنى بىر قاسساپمۇ خېرىدار ئالغىلى ئۇنمىسا «ھەر بۇرادەر، جىگەرمۇ ئاللاھ ياراتقان ھالال نىئمەت، يىسىڭىز نىمىشقا بولمىغۇدەك؟» دەيدۇ… مەچىتنىڭ ئالدى ئىدى، نەسىھەت قىلاي دەپ بولغۇچە شامغا ئەزان چىقتى، بىز مەسچىتكە ماڭدۇق، قاسساپ ئۇستام گۆش سىتىش بىلەن بولۇپ كىتىپ سىرىتتا قالدى…

قەدىمكى جاھىلىيەتتىكى كىشلەر ئاللاھنىڭ بار ۋە بىرلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، كىيىنكىلىرى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قويمىچىلىق قىلغان بولسا بۈگۈنكى دەۋىردىكلەر ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، بىرلىكىگە، پەيغەمبەرنىڭ راسلىقىغا ئىشىنىپ تۇرۇپ، ناماز ئوقۇپ، زاكات بېرىپ تۇرۇپ خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغان بوپ كەتتىما؟

بىر ئادەمنىڭ مۇنكەر ئىشنى قىلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى شارائىتقا، زامان، ماكانغا باغلاپ توغرا چۈشىنىش ئادەمنى پەقەت خاتىرجەم قىلمايدىغان ئىشكەن…

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *