قىزلىق پەزىلىتى قىزلار ۋۇجۇدى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-13 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 173 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىزدە ‹‹ئەخلاقلىق قىز چېچەككە ئوخشايدۇ، ئەخلاقسىز قىز پېتەككە›› دېگەن سۆز بار. دېمەك، قىزلار ئۆزىدە ياخشى ئەخلاق دىيانەت ۋە قىزلىق پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ قەدىرلەشكە ئېرىشەلەيدۇ ۋە كىشى قەلبىنى مەھلىيا قىلالايدىغان گۈزەل چېچەككە ئايلىنىپ، كىشىلىك دۇنياسىغا خۇش پۇراق چاچالايدۇ. قىزلار ئەزەلدىنلا ئەخلاقىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرۈپ كەلگەن، چۈنكى قىز دېمەك مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئانىسى دېمەك؛ قىز – ئاياللارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى، كىشىلىك ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ساپاسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى قىزلار ئۆزىدە قانداق ئەخلاق قاراش ۋە قىزلىق پەزىلەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك؟

مېنىڭچە، ھازىرقى زامان قىزلىرى تۆۋەندىكىدەك قىزلىق پەزىلەتلىرىنى ساقلاش كېرەك:

1. گەپ – سۆزدە ھايالىق بولۇش. قىزلار مەيلى ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ساۋاقداشلىرى ۋە ياكى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە بولسۇن، گەپ – سۆزدە سىلىق – سىپايە بولۇشى ۋە ئورۇنلۇق سۆزلىشى لازىم. بۇ قىزلار ئۈچۈن بىر خىل پەزىلەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارنىڭ قىزلارنىڭ كەلگۈسى ئائىلە تۇرمۇشى ۋە پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە مۇھىم رولى بار.

2. يۈرۇش – تۇرۇش ۋە ھەرىكەت – قىلىقتا ھايالىق بولۇش. قىزلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرى ھايالىق بولغاندىلا، سېھرىي كۈچكە ۋە جەلبكارلىققا ئىگە بولىدۇ، بۇ جەلبكارلىق قىزلىق نازاكىتىنى جۇلالاندۇرۇپ، قىزلارنىڭ ئۆزىگە خاس قىياپەت، ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىزلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ھەر بىر ئىش – ھەرىكىتىدىن شۇ قىزنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، قىزلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، يۈرۈش – تۇرۇشتا دىققەت قىلىپ، سىلىق ۋە يارىشىملىق قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرەلەيدىغان بولۇشى لازىم.

3. كىيىنىش جەھەتتە ھايالىق بولۇش. ئادەتتە قىز – ئاياللار ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى ئارقىلىق تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئەرلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچىكى ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەتلەر بىر – بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، كىيىم – كېچەك بىرىنچىدىن، ئوخشاش بولمىغان جىنىسلىقلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان؛ ئىككىنچىدىن، مىللەتلەرنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم تاشقى ئامىل. قىزلارنىڭ كىيىم – كېچەك ئارقىلىق گەۋدىلەنگەن تاشقى كۆرۈنۈشى باشقىلارنىڭ شۇ قىزغا بولغان بىرىنچى باھاسىىغا سەۋەپچى بولىدۇ. شۇڭا، قىزلار كىيىم – كېچەك جەھەتتىن ھايالىق بولۇشى، كىيىنىشى ئوغۇللاردىن پەرقلىق بولۇشى، مىللىي كىيىنىش ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. مېھىر – مۇھەببەتلىك بولسا ئائىلىسىدە ئىللىقلىق بولىدۇ، قىزلار بىلىملىك، ئىقتىدارلىق بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۈگۈنكى دەۋر قىز – ئاياللاردىن بىلىم ئىگىلەپ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتە بىر قەدەر چوڭقۇر نەزەرىيىۋى بىلىم ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، قىزلار ئۆزىنىڭ ئالتۇندەك ياشلىق باھارىنى قەدىرلەپ بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگىلىشى لازىم.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *