تۆت تۈرلۈك ئايال
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «تۆت تۈرلۈك ئايال جەننىتى، تۆت تۈرلۈك ئايال دوزىخىدۇر.
جەننىتى بولىدىغان تۆت تۈرلۈك ئايالغا كەلسەك، بىرىنچىسى، ئاللاھقا ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلىدىغان ئىپپەتلىك ئايال؛
ئىككىنچىسى، تۇغۇمچان، چىداملىق، ئېرىنىڭ تېپىپ بەرگىنىگە ئاز بولسىمۇ قانائەت قىلىدىغان ئايال؛ ئۈچىنچىسى، ھايالىق، ئېرى يوق ۋاقتىدا ئىپپىتىنى ۋە
ئېرىنىڭ مال ـ مۈلكىنى چىڭ ساقلايدىغان، ئېرى يېنىدىكى چاغدا ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرمايدىغان ئايال؛ تۆتىنچىسى، ئېرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن
كىچىك بالىلىرى قالغان، بارلىقىنى بالىلىرىغا ئاتاپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان، ئۇلارنىڭ ئىگە – چاقىسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ياتلىق بولمىغان ئايال.
دوزىخى بولىدىغان تۆت تۈرلۈك ئايالغا كەلسەك، بىرىنچىسى، ئېرىنى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان، ھاقارەت قىلىدىغان، ئېرى يوق ۋاقتىدا (سەپەردىكى چاغدا) ئىپپىتىنى ساقلىمايدىغان، ئېرى بار ۋاقتىدا (سەپەردىن كەلگەن چاغدا) ئۇنىڭغا ئازار بېرىدىغان ئايال؛
ئىككىنچىسى، ئېرىدىن كۈچى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدىغان ئايال؛
ئۈچىنچىسى، يېيىش، ئىچىش ۋە ئۇيقۇدىن باشقا غېمى بولمىغان، ناماز ئوقۇشقا قىزىقمايدىغان، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلمايدىغان، شۇنداقلا ئېرىگە ئىتائەت قىلمايدىغان ئايال؛ تۆتىنچىسى، ئەرلەردىن ئۆزىنى تارتمايدىغان، سىرتقا
چىققاندا، ئەۋرەتلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىدىغان ئايال»[4].
ئەگەر خوتۇن كىشىنىڭ سۈپەتلىرى مۇشۇنداق بولۇپ، ئۆيدىن ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چىقسا، لەنەتكە ئۇچرايدۇ ۋە ئاللاھقا تەۋبە قىلمىغىچە، دوزاخ ئەھلىدىن ھېسابلىنىدۇ.
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن دوزاخقا قاراپ، دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن[5]. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە، شۇنداقلا ئەرلىرىگە ئاز ئىتائەت قىلغانلىقى، كۆپ ياسانغانلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئايال ئۆيدىن چىقىدىغان چاغدا، ئەڭ ئالىي كىيىملىرىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. پەداز قىلىپ ئاندىن چىقىدۇ. ھۆسن – جامالى ئارقىلىق ئىنسانلارغا پىتنە سالىدۇ. بۇ پىتنىدىن ئۆزى ساقلانغان تەقدىردىمۇ، ئىنسانلارنى بۇنىڭغا مۇپتىلا قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «خوتۇن كىشى ئەۋرەتتۇر. ئۇ ئۆيىدىن چىقسا، شەيتان ئۇنى (باشقىلارغا) چىرايلىق كۆرسىتىدۇ»[6]. ئۆيىدىن سىرتقا چىقماي ئولتۇرغان ئايالنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ چوڭدۇر.
بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر. ئۇنى ئۆيدە تۇتۇڭلار. ئايال سىرتقا چىققاندا، ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا: نەگە بارىسەن؟ – دېسە، ئۇ: كېسەل يوقلايمەن، جىنازىغا قاتنىشىمەن، – دەيدۇ. ھالبۇكى، شەيتان ئۇنىڭغا توختىماستىن ۋەسۋەسە قىلىپ، ئاخىرى ئۇنى ئۆيدىن چىقىرىدۇ. ئايال ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغان ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلغاندىن ئارتۇق ئىش قىلالمايدۇ»[7]. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئايالى فاتىمە رىزىيەللاھۇ
ئەنھادىن: _ ئى فاتىمە! ئايالغا ئەڭ خەيرلىك نەرسە نېمە؟ – دەپ سورىغان ئىدى، ئۇ: _ ئايالنىڭ ئەرلەرنى، ئەرلەرنىڭمۇ ئاياللارنى كۆرمەسلىكى، – دەپ جاۋاب بەردى.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئەرلەر! سىلەر خىجىل بولمامسىلەر؟ كۈندەشلىك قىلمامسىلەر؟ ئاياللىرىڭلارنى ئەرلەر ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە قويۇپ بېرىسىلەر، ئۇلار ئەرلەرگە، ئەرلەرمۇ ئۇلارغا قارايدۇ، – دېگەن ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەفسە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدى، ساھابىلەردىن ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇم كىرىپ كەلدى. بۇ كىشى ئەما ئىدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللىرىغا: «ئۆزەڭلارنى دالدىغا ئېلىڭلار» دېگەن ئىدى، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇ كىشى قارىغۇ تۇرسا، ئۇ بىزنى كۆرەلمەيدۇ ۋە تونۇمايدۇ ئەمەسمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋابەن: «سىلەر ئۇنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟»[8] دېدى. ئەرلەرنىڭ نامەھرەم ئاياللارغا قارىشى دۇرۇس بولمىغىنىدەك، ئاياللارنىڭمۇ نامەھرەم ئەرلەرگە قارىشى دۇرۇس ئەمەس. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئايالغا ئەڭ خەيرلىك نەرسە ئۇنىڭ ئەرلەرنى، ئەرلەرنىڭمۇ ئۇنى كۆرمەسلىكى، – دېگەن ئىدى. ئاتا ـ ئانىسىنى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش ياكى ھاممامغا بېرىش ۋە شۇنىڭدەك، قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئېرىدىن رۇخسەت ئېلىپ، ياسانماستىن ۋە چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيمەستىن، تولۇق ئورۇنۇپ چىقىشى، يولدا نامەھرەملەرگە قارىماسلىقى ۋە يەرگە قاراپ مېڭىشى، ئۇياق ـ بۇياققا قارىماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، گۇناھكار بولىدۇ.
بىر ھېكايىدە ئېيتىلىشىچە، بىر ئايال دۇنيادىكى چاغدا زىبۇزىننەتلىرىنى ۋە چىرايلىق جايلىرىنى ئوچۇق قويۇپ سىرتقا چىقىدىكەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۇغقانلىرىدىن بىرى ئۇنى چۈشىدە كۆرۈپتۇ. قارىغىدەك بولسا، ئۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىۋاتقان ئىكەن. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز شامال چىقىپ، ئايالنىڭ كىيىمىنى ئېچىۋېتىپتۇ. ﷲ ئۇنىڭدىن دەرھال يۈز ئۆرۈپتۇ ۋە: بۇنى چەپ تەرەپكە، دوزاخقا تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇ دۇنيادا ياسىنىپ ئوچۇق يۈرەتتى، – دەپتۇ[9].
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى مەن ئايالىم فاتىمە بىلەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىردىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قاتتىق يىغلاۋاتقان ئىكەن. مەن: _ ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، سېنى نېمە يىغلاتتى؟ – دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: _ ئى ئەلى! مىراج كېچىسى مەن ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرىنىڭ تۈرلۈك ئازاب بىلەن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارغا بولىۋاتقان ئازابنىڭ قاتتىقلىقىنى ئەسلەپ يىغلىدىم. ئۇ كېچىسى چېچىدىن ئېسىپ قويۇلغان بىر ئايالنىڭ مېڭىسىنىڭ قايناۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەنە بىر ئايالنىڭ تىلىدىن ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى ۋە كانىيىغا قايناق سۇ قۇيۇلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەنە بىر ئايالنىڭ كۆكسىدىن ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. يەنە بىر ئايالنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئىككى كۆكسىگە، ئىككى قولىنىڭ پىشانىسىگە باغلانغانلىقىنى، يىلان ۋە چايانلارنىڭ ئۇنىڭغا مۇسەللەت قىلىنغانلىقىنى كۆردۈم. يەنە بىر ئايالنىڭ بېشى چوچقىنىڭ بېشىدەك، بەدىنى ئېشەكنىڭ بەدىنىدەك بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭغا نەچچە ئون مىڭ خىل ئازابنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەنە بىر ئايالنىڭ ئىت سۈرىتىدە بولۇپ قالغانلىقىنى، ئوت ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ، ئارقىسىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى، پەرىشتىلەر بولسا ئۇنى ئوتتىن بولغان بازغانلار بىلەن ئۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، – دەپ جاۋاب بەردى. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ: _ كۆزۈمنىڭ نۇرى بولغان سۆيۈملۈك دادا! ئۇلار مۇشۇنچىۋالا ئېغىر ئازابقا قالغىدەك نېمە ئىشلارنى قىپتۇ؟ – دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: _ ئى قىزىم! چېچىدىن ئېسىپ قويۇلغان ئايال بولسا، چېچىنى ئەرلەردىن ياپماپتىكەن. تىلىدىن ئېسىپ قويۇلغان ئايال بولسا، تىلى بىلەن ئېرىگە ئازار بېرىپتىكەن. كۆكسىدىن ئېسىپ قويۇلغان ئايال بولسا، ئېرىگە خىيانەت قىلىپتىكەن. ئىككى پۇتى ئىككى كۆكسىگە، ئىككى قولى پىشانىسىگە باغلانغان، يىلان ۋە چايانلار مۇسەللەت قىلىنغان ئايال بولسا، جۇنۇب بولغاندا ۋە ھەيز كۆرگەندە پاكلانماپتىكەن، نامازنى كۆزگە ئىلماي، مەسخىرە قىلىپتىكەن. بېشى چوچقىنىڭ بېشىدەك، بەدىنى ئېشەكنىڭ بەدىنىدەك بولۇپ قالغان ئايال بولسا، چېقىمچى ۋە يالغانچى ئىكەن. ئىت سۈرىتىدە بولۇپ قالغان، ئوت ئاغزىدىن كىرىپ، ئارقىسىدىن چىقىۋاتقان ئايال بولسا، مىننەتخور ۋە ھەسەتخور ئىكەن. ئى قىزىم! ئېرىگە قارشى چىققان ئاياللارنىڭ ھالىغا ۋاي!