ئويلىغانلىرىم

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-28 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 150 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

كادىرنىڭ ئويلىغانلىرى
   ئويلىسام بەزىدە ئۆزۈمگە سەل رازى بولماي قالىمەن. مەن خىزمەت قىلىمەن دەپ جۈمە دېگەنگە بېرىپ باقمىغىلى (ئۈزۈلدۈرمەي) 8-10 يىل بۇلۇپتۇ. بەزى ئاقمىغان ئوقتۇرۇشلارنى ئادا قىلىمىز دەپ غۇرۇرىمىزنى تاپىمىنىمنىڭ ئاستىغا ئېلىپ قويغان ۋاقىتلىرىم يوق ئەمەسكەن. ئاقماس يىغىنلاردا 5-6سائەت ئولتۇرۇپ ، يولداشلارنىڭ كاپشىشلىرىنى زىرىكىش ئىچىدە ئاڭلاپ چىققان ، كاللىمىزدىن ئۆتمىسىمۇ قىلغان ئىشلىرىم ئاز ئەمەس. ئەڭ ئاددىيسى ھازىر بۇرۇتى بار ئادەمنى كۆرسەم بىر خىل مەسلىكىم كىلىدۇ. «ئەجىبا بۇرۇتىڭغىمۇ ئېگە بولالمىغان بۇ تۇرمۇش ساڭا نېمە بىرىۋاتىدۇ ؟» دەپ سوراپ كېىتىمەن بەزىدە . ھەممىسى ئويلىسام ئاشۇ ئىككى توك – توك پۇلىنىڭ ئىشىكەن.«ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ،»(سۈرە ئەئراف 37-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى ئويلاپ:«چوڭ داداممۇ خىزمەت قىلماي ئۆلۈپ قالماپتىكەن . مەنمۇ بىر ئاماللارنى قىلسام ئاللاھ تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەقسىملىۋىتىلگەن رىزقىمنى ئاللاھ بىرەر ئىدى. نىمانداق جېنىمنى قىينايدىغاندىمەن؟» دەپ قايناپ كىتىمەن بەزىدە ئۆزۈمگە . مۇشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرگىلى بىرەر يىلچە بولدى. ئاللاھ بىر ئاسانلىقنى بىرەر دەپ يۇرىۋاتىمەن.ئۇ ئالەمگە بېرىپ سوراق مەيدانىغا يىغىلغاندا ئاللاھ :«ماۋۇ مەجبۇرىيەتللىرىڭنى نېمىشقا ئۆتىمىدىڭ؟» دېسە ، مەن قوپۇپ « خىزمەت قىلغان .» دېسەم,“”“«جىنلار ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلش ئۈچۈنلا ياراتتىم »( سۈرە رازىيات 56- ئايەت) دېگىنىمنى كۆرمىگەنمۇ ؟ دېسە نېمىمۇ دەرمەن دەپ كېتىمەن ۋە دوزاخنىڭ دەھشىتىنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ ، ئىچىمنى تىترەك بېسىپ كىتىدۇ.ئاللاھ ئېنىق قىلىپ :«دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت» ( سۈرە ئەنئام 32- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن تۇرسىمۇ ، ئەمما كۆپىنچىمىز نىمىشقىدۇر دۇنيا تىرىكچىلىكى ئۈچۈن – ياخشى ياشاش ، ماشىنىلىق بولۇش ، بىزەلگەن ئۆيىمىز بولۇش ، قاتاردىن قالماسلىق دېگەندەك ئاقماس ئىشلارنى ئۆزىمىزگە بېسىم قىلىۋېلىپ مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئۇنتىيدىكەنمىز دەيمەن. ھازىرقى بارلىق قۇرقۇنچىلارنىڭ ئىچىدە مەن ۋە مەندەك كىشىلەرنى چاڭگىلىغا ئەڭ ئېلىۋېلىپ بارغىنى مۇشۇ نامراتلىقتىن قۇرقۇشمىكىن دەيمەن. (ئاللاھتىن قۇرقۇشنىڭمۇ ئالدىغا ئۆتىۋېلىۋاتامدىكىن دەيمەن.) نامرات بۇلۇپ قالماسلىق ئۈچۈن قىلمىغان ئىشلىرىمىز ئاز قېلىۋاتىدۇ.ئەينى دەۋىردىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ) ۋە ساھىبىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن پۇل – مال توپلاش ئەمەس ، ئۆزىدىكى بار پۇل – مالنى باشقىلارغا بېرىۋىتىپ ، ئەڭ پېقىر ھالەتتە كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلىسام ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ قالىمەن.ئەڭ ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلى – مەجبۇرىيەتلەر ئادا قىلىنىپ ، ئىنسان ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان ۋە ئاللاھنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەن ھالدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرغان ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداشنى باشقا بارلىق ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويغان (قانچىلىك قىيىن بولسىمۇ ، جاپا تارتسىمۇ ) ۋە شۇنىڭدىن چەكسىز ھۇزۇر ھېس قىلغان ھالدا،ئاللاھنىڭ :«ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش،(كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر» دېگىنى بويىنچە خاتىرجەملىككە تولغان قەلبى بىلەن ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ دۇنيا ئىشلىرىغا يۇزلەنگەن ، ئىرىشەلىسە خۇشال بولۇپ كىرىلىپ كەتمەيدىغان، ئىرىشەلمىسە ئازاپلىنىپ كەتمەي تىنچ رۇھىي ھالىتى بىلەن ياشاشمىكىن دەيمەن.ياشاشتا ھەقىقەتەن كەينىگە يېنىۋالغىلى بولمايدۇ.ئاللاھمۇ بۇ ھەقتە قۇرئاندا ، بۇ دۇنيادىن گۇمراھ پېتى كەتكەن كىشىلەرنىڭ ، قايتا دۇنياغا قايتىپ ،ھەق يولدا ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ كىتىدىغانلىقىنى ، ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار دوزاختا: ‹پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق› دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز- نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز- نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق». ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇشۇ ئالەمدە ھەقنى تۇنۇيدىغان ۋە مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئادا قىلىدىغان ياشاش يوللىرىنى مۇيەسسەرقىلىپ بەرگەي ! 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *