ئايالىمنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!!!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-03-20 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 198 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئايالىمنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن!!!

ئايالىمنى نېمىشقا ئۆلتۈرىۋېتىمەن؟

بىر دېڭىزغا ئوخشىتىپ ،
دائىم سېنى ماختاي دېسەم .
………………………

ياڭراتقۇدىن تاشمۇھەممەتنىڭ ناخشىسى ياڭراۋاتاتتى ، ئايالىم ئۆي تازىلاۋاتاتتى ، مەن كىرىسلوغا پۇتۇمنى ئېلىپ ، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ، تاماكامنى تاتلىق شوراپ تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ئېلىۋاتاتتىم . سىزگە دېسەم تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى ئېلىشتا ھەركىمنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلى بار . مەسىلەن : يازغۇچىمىز مەمتىمىن ھوشۇرنى ئالايلى ، جاڭ – جاڭ سوغۇق قىش كۈنلىرى قىپقىزىل قىزارغان مەشنىڭ ئالدىدا موخوركىسىنى چىشلەپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يېزىش – ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ھوزۇر ئىكەن . بۇرۇن قاتتىق ياغقان يامغۇردا پىشايۋانلىق ھويلىنىڭ سۇپىسىدا يوتقانغا كىرىپ شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا قاراش – مەن ئۈچۈن ئەڭ ھوزۇرلۇق ئىش ئىدى . خوتۇنۇمدىن بىر چاغدا سورىسام ، ئالتۇن كۈز ۋاقتىدا ساپسېرىق يوپۇرماقلار ئۈستىدە مېنى قولتۇقلاپ ئايلىنىپ مېڭىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھوزۇركەن . ھىم ! ….. مېنى قولتۇقلاپ ئايلىنىپ مېڭىشمىش ، ئۇخلاپ چۈشى ! قېرىغاندا نېمە بار ئورمانلىقتا ؟ ياش ۋاقتىمىزدا سائەت – سائەتلەپ ساقلاپ ، “ سەيلىگە بارايلى “ دەپ يالۋۇرۇپ كېتەتتىم . مانا ، بەزىدە تاغ ئايلانسا ، بەزىدە باغ ئايلىنىدۇ .
- تاشمۇھەممەت ناخشىنى دەھـشـەت ئېيتىدۇ – ھە ، ھـــــــەي …… ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭدىن قانچىلىك پەخىرلىنىدىغاندۇ ؟ سىزمۇ بىز يۈرۈۋاتقاندا مەن ئۈچۈن توختىماي شېئىر يېزىپ ئېلان قىلدۇرۇپ تۇراتتىڭىز . ئى تاشمۇھەممەتتەك بىر ناخشا ئېيتىپ بېرىڭە ماڭىمۇ …

بىر كىگىزگە ئوخشىتىپ ،
دائىم سېنى ماختاي دېسەم .

كۆزۈمنى يۇمۇپ ناخشا توۋلاۋېتىپ كۈلۈپ تاشلىدىم . بىر ، ئىككى ، ئۈچ …….
- ساراڭمۇ بۇ ؟ قوپسىلا نېرى ! ئۆينى ئاران تازىلاۋاتىمەن ، سىرتقا چىقىپ چەكسىلە تاماكىلىرىنى ….. مەن ئۆزلىرىنىڭ مالايلىرى ئەمەس ، كۈندە ئۆينى ئاران تازىلىسام سېسىق پۇرىتىپ كۈل قىلىپ ، سىرىتقا چىقىپ چەكسىلە بۇ بىر نېمىلىرىنى ……..
ئاران بىر كەلگەن دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتتىگىنىدە خوتۇندىن دەشنام ئاڭلاپ، چاپاننى يېپىنچاقلىغان پېتى بالكونغا چىقىپ يانپاشلاپ يېتىپ خىيالغا كەتتىم.
- كونىلار دەپتىكەن :

يامان خوتۇن ئۈزۈلمەس تاسما ،
ئۇنداق تاسمىنى بوينۇڭغا ئاسما .

يەنە كىم دېدى ئېسىمدە يوق . – ياخشى خوتۇنغا ئۇچرىساڭ بەختلىك بولىسەن ، يامان خوتۇنغا ئۇچرىساڭ پەيلاسوپ بولىسەن – دەپ . ئۆزۈمنىڭ بەختلىك ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلمىسەممۇ ، لىكىن چوقۇم پەيلاسوپ ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم . توي قىلماسنىڭ ئالدىدا ئايالىم ( ياق ، خوتۇنۇم ) شۇنداق ياخشىتى . سىلەر بىلمەيسىلەر ، قەشقەرنىڭ بۇرۇن خوتۇن تاللاشتا شۇنداق ياخشى ئادەتلىرى باركەنتۇق ، بىر ئىككىسىنى دەپ بېرەي – ھە ….
يىگىت قىزنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ لەغمەن يەيدىكەن ھەم چاندۇرماي چوكىنى تەتۈر سېلىپ قويىدىكەن ، قىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلماي يەۋەرسە ، بولدى – تۈگەشتى ، ‹ ئاشخانىدىكى مۇھەببەت ، خۇدايىمغا ئامانەت › . ئەقلى بار قىزلار بولسا چوكىنى ئوڭشاپ ئاندىن يەيدىكەن . ئەمما ھازىر زامان بارا – بارا تەرەققى قىلغانسېرى بۇ ئۇسۇل ئاقماس بوپكەتتى . ھېچ بولمىسا قىزلار ‹ گاڭپەن يەيمەن › دەپ تۇرىۋالىدىغان بولدى . قوشۇقنى تەتۈر سېلىپ قويسا ، كالۋا بولسىمۇ ئۇنچىلىك ئىشنى ئۇقار .
مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلىدىم . بىر يىگىت بىلەن بىر قىز توي ئىشى ئۈچۈن تۇنجى كۆرۈشۈپ بىر – بىرىگە ئىنتايىن يېقىپ قاپتۇ ھەم بىر – بىرىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىپتۇ . خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا يىگىت قىزغا تېلىفۇن نومۇرىنى يېزىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ ، قىز بىر پارچە قەغەرگە تېلىفۇن نومۇرىنى يېزىپ بېرىپتۇ ، يىگىت قارىسا قىز ئۇ قەغەزگە تېلېفون نومۇرىدىن باشقىسىنى يازماپتۇ ، يىگىت شۇ يەردىلا ئۇ قىزدىن ۋاز كېچىپتۇ . نېمىشقا ؟ ئۇ قىز ئىسىم – فامىلىسىنى يازماپتىكەن ، يىگىت شۇنىڭدىنلا ئۇ قىزنى “ دىتى يوق ئىكەن “ دەپ قاپتۇ . مېنىڭ ئايالىم بولسىچۇ ، ئۇ قانداق قىلاتتى ؟ ‹ ئىسىم – فامىلىڭىزنى يازماپسىزغۇ ؟ › دەپ بولغۇچە ، – ھــــۇيت غـــــوجـــام ، مەندىن باشقا قىزلارمۇ بارمىتــــى ؟ شۇنىڭ قېشىغا بارماملا ئەمسە ……. ئۇ چوقۇم شۇنداق دەيتتى .
ئاكامنىڭ تويىنى قىلىدىغان ۋاقىتتا ، دادام ئاكام بۇرۇن يۈرگەن قىزغا قەتئي قوشۇلماي ، بىر خانىم قىزنى ئېلىپ بەرگەن . ئاكام ئۇ قىز بىلەن تاماق يېمەكچى بولۇپ ‹ رېستۇرانغا كىرەيلى › دېسە ، ئۇقىز ‹ ئادەتتىكى تاماقخانىغا كىرسەك بولىدۇ › دەپ ئۇنىماپتىكەنتۇق (90 – يىللار ئەمەسمۇ ، رېستۇران ئەمدى پەيدا بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلار ) ، ئەنە شۇ بىر ئاددى ئىش تۈپەيلى ئۇلار توي قىلىپ ، بىر ئوغۇل ، بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇپ ، شۇنداق بەختلىك ھالدا جاھاندارچىلىق قىلىۋاتىدۇ .

ئايالىمنى ئۆلتۈرىۋېتەيمىكى؟!

ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويىدىغان بىر ئادىتىم بار ، ئۆزۈممۇ ھەيران . ئايالىم چىداپ بولالماي سورىدى :
- نېمىگە ئۇھ تارتىلا ؟ نېمىلىرى كەم ، دىسىلەبى ؟ ئاسماندىكى ئاينى ئەكەپ بىرەيمۇ يا يولۋاسنىڭ يۈرىكىنى كاۋاپ قىلىپ بېرەيمۇ ؟ تاغنى تالقان ، چۆلنى بوستان قىلىپ بېرەيمۇ ، جېنىم ؟
ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىمچە كۆزىنىڭ ئىچىگە ئۇزاق قارىدىم ، بۇقارىشىمدىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاستا – ئاستا ياش ئەگىشكە باشلىدى .
- مېنـــى قايتا بى ئۆيلەپ قويمامسەن ؟
چىرايىمنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ شۇنداق دېدىم . بىر ، ئىككى ، ئۈچ …….
- زادى سىزدەك ئادەمگە چىرايلىق گەپ قىلىپ بەرگىلى بولمايدۇ . ئۆتەپ بېرىڭە ! … زادى سىزنىڭ بىر پۇشايمىنىڭىز بار ………… قانداق پۇشايمىنىڭىز بار ؟
ئۇ قولىنى قولۇمدىن ئاجىرىتىۋېلىپ ، ‹ ساچىر خانىم › دەك ، ‹ رايس › دەك ئولتۇراتتى .
- مەن ئۆمرۈمدە بىر ئازغان . قاتتىق پۇشايمىنىم ، بەك – بەك پۇشايمىنىم بار .
- قانداق ئازغانتىڭىز ؟ يەنە قانداق يېڭى ئىشلارنى ئاڭلارمەن – ھە ….. دەڭە قېنى ؟
- سەن بىلەن توي قىلغىنىمنىڭ ئۆزى قاتتىق ئازغانلىق ئەمەسمۇ ؟ بولمىسا ئەتىراپىمدا قىزلار ئازمىتى مېنىڭ ؟ مېنىڭ ئىشقىمدا كاۋاپ بولۇپ ، ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كەتكىنىنى بىلمەمسەن ؟
- كىم بىلەن توي قىلسىلىرى بولاتتى ؟ ئاشۇ مۇرادلىرىغا بى يەتكۈزەي …….
- ھېلىقى سەن بىلەن ئىشلەيدىغان كاسسىر قىز بۇرۇن نەدە قالغان بولغىيتى؟
ئۇ ياقامغىلا ئېسىلدى ۋە مېنى تۇرغۇزۇپ كەينىمدىن قۇچاقلىدى .
- يۈرۈڭە ، سىزنى خوش قىلىدىغان بىر نەرسە كۆرسىتەي ……… دېگىنىچە مېنى ئاستا ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە – ئىشىكنى ئېچىڭە جېنــــم .
ئۇ مېنى بىرلا ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقىرىۋېتىپ ئىشىكنى شۇنداق سەت ياپتىكى ، ئەيھەنناس ! ئۇدۇل قوشنام بېشىنى ئىشىكتىن چىقىرىپ شۇنداق سەت ھېجىيىپ تۇرۇپ سورىدى :
- ئۆيدىن ھەيدەپ چىقاردىما ؟؟؟
- ياق ، ئويۇن ئويناۋاتىمىز . خوتۇن ، ئەمىسە مەن پەسكە چۈشۈپ چىقاي ، چۈشتە ئۈزۈپ تاشلاپ مىفەن ئېتىپ قوياڭلار – ھە !!!
مەن پېتىمنى بۇزماي پەسكە چۈشۈپ كەتتىم ، ئەمما ئاۋۇ خوشنامنىڭ سەت ھىجىيىشى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنداق مېنى خەقنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قويغان خوتۇننى ئۆلتۈرىۋېتىمەن ، ئۇرسام يامانلايدۇ . خوتۇنۇمنىڭ قىزىق بىر يامانلىشى بار . خوتۇن كىشى يامانلاپ تۇرىدۇ – ھە ! ئەمما ماۋۇ خوتۇن يامانلىسا ئۆزىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە بارماي ، ئۇدۇل ئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يامانلايدۇ . مەن بىچارە بولسام ھېلىقى ئۆيدە بىركۈن ياشايمەن ، ئەتىسى يەنە ئاغىنىلىرىم بىلەن بولۇپ ، ئۆگۈنى ئاندىن خوتۇن ئېسىمگە يېتىدۇ . ئۇنىڭ ئەتىسى سەھەردە شىپ – شىپ قىلغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كېتىمەن ، ئۇ قايتىپ كېلىدۇ ، يوتقانغا بېشىمنى پۈركەپ ھېجىيىپ ياتىمەن . كۈنلىرىم بۇرۇنقىدەك ، ئەمما ئاپامنىڭ ئالدىدىمۇ يۈزۈمنى قويمىسا يا ………. ئۆلتۈرۈپلا قۇتۇلمىسام -خەپ …….
بالكوندا يانپاشلاپ يېتىپ مۇشۇ خىياللارنى سۈرۈپ چىقتىم.

ئۇنى قانداق ئۆلتۈرۈش كېرەك؟

ئۇ بالكوندا دېرىزە سۈرتۈۋىتىپتۇ ، قۇياش نۇرىدا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشى بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگۈم كەلمەيۋاتاتتى .

تۇغماس توخۇ ياتىدۇ ئۇۋىلىقنى ئىگەللەپ ،
تۇخۇم تۇققان كوچىدا يۈرەر سەرسان ھەسسىلەپ.

مۇشۇ شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئۇقانداق ئەسكىلىك قىلغان – ھە . مېنى بەك يالۋۇرتقۇزغان . ئۆلتۈرىۋېتىمەن ! يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى دېرىزىدىن ئىتتىرىۋەتتىم .
- ئــــــــــــا ……………………………. گۈپ .
دەرھال بېرىپ تېلېۋىزورنى تازا يۇقىرى ئاۋازدا قويدۇم – دە ، ھېچنېمىنى بىلمىگەندەك تېلۋىزور كۆرۈشكە چۈشتۈم . گۇم – گۇم – گۇم – گۇم …. چوقۇم خوشنىلار : ‹ ۋاي ئايالىڭىز بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ ، تېز بولۇڭ › دەيدۇ . ئەمدى كىمنى ئالسام بولار ….. ھە ، دەل شۇ قىزنى ئالاي .
ئىشىكنى ئاچتىم ، ئاچتىم ئەمما قېتىپلا قالدىم . ئايالىم جەينىكىنى ئۇۋىلىغىنىچە كىرىپ كەلدى . ياق چوقۇم ئۇنىڭ ئەرۋاھى …………. تىلىم گەپكىمۇ كەلمەي قالدى .
- ۋاي ، ئاۋايلىماي دېرىزىدىن چۈشۈپ كەتتىم ……. قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ – ھە ، بىر كۆز ئەينەك قالغان سۈرتىۋېتەي ، سەل تۇرۇپ تاماق ئېتىپ بېرەي .
ئۇيەنە ‹ تۇنجى مۇھەببەت › كە يەڭگىل غىڭشىپ ، ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى .

كۈل بولۇپ كەتسىمۇ بىز چۈشكەن سۈرەت ،
نېمىشقا ئۇنتۇلماس تۇنجى مۇھەببەت .

“ رامبو “ بۇ خوتۇن ، “ شىۋاسىنگىر “ مۇ يا ؟ ئۇنىڭ بىلەن شۇنچە ۋاقىت ئۆي تۇتۇۋاتقىنىمنى ئويلاپ تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى . مەن ئۇنى نەچچە قېتىم ئۇرغاندا جىملا تۇرغان . سىلەرگە دېسەم خوتۇن كىشىنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئېرى ئۇرغاندا ئېرى بىلەن تەڭ تۇرىدىغىنى . تاياق يېگەندە يەرگە قاراپ “ كەچۈرۈڭ “ دېسىلا ھەر قانداق ئەر كىشى ئېرىمەي قالامدۇ … ؟ بەزى خوتۇنلار تېخى ياقىسىغا ئېسىلىپ :
- مېنى ئاتا – ئاناممۇ ئۇرۇپ باقمىغانەي ، ئـــۇ – بــــۇ _ دەيدىكەن .
لېكىن مېنىڭ مىجەزىمنى ئايالىم شۇنداق چۈشىنەتتى . ئاچچىقىم تۇتقاندا جىملا تۇرىۋالاتتى ، كېيىن كەيپىياتىم ئوڭشىلىپ قالغاندا – ‹ پالانى كۈنىدىكى پۇستانى ئىش ئەسلى مۇنداق ئىدى ، ئەمما سىز مۇنداق دېدىڭىز ، مۇنداق قىلدىڭىز › _ دەپ چۈشەندۈرۈپلا قوياتتى – يۇ ، قايتا يۈزۈمگە سالمايتتى . ئەگەر شۇچاغدا مېنى بىرنى قويغان بولسا ، ئاقىۋىتى نـــە بولۇر ئىدى – ھە …؟ مېنىڭچە ئۇ چوقۇم ئۆچ ئالىدۇ ، شۇڭا ئۇ ئۆچ ئېلىشتىن بۇرۇن دەرھال ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىم كېرەك .
- يۈرە ، سىرىتقا چىقىپ پەيزى بىر تاماقخانىدا تاماق يەپ كىرەيلى ، ھەقاچان ھېرىپ – چارچاپمۇ كەتتىڭ .
- ھە مەيلىغۇ ، ئەمما كوچىدا يەنە باشقا قىزلارغا قاراپ لېۋىڭىزنى تامشىتىپ ماڭسىڭىز قانداق قىلىمەن ؟
- قانداق قىلاتتىڭ ، مېنى ئاپىرىپ مېھمان قىلىسەن – دە .
ئۇنىڭ ھالقا – زەنجىر سېلىشىغا قاراپ تۇراتتىم ، ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قويغان ۋاقتىم ئېسىمگە كەپقالدى .
- قۇلىقىڭىزدىكى ھالقا بوپقالسام – ھە …
- قانداق قىلاتتىڭىز ؟
- كۈندە قۇلىقىڭىزغا تاتلىق پىچىرلاپ بېرەتتىم .
ئۇ ۋىللىدە قىزىراتتى – دە ، يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋالاتتى .
- زەنجىرىڭىز بوپقالسام – ھە .
- قانداق قىلاتتىڭىز ؟
- كۈندە يۈرىكىڭىزنىڭ سوقۇشىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم .
- ئۈزۈكىڭىز بوپقالسام – ھە …………..
- ………
- ئىللىق ئالقىنىڭىزدا ئەللەيلىنىپ ، نازۇك بارماقلىرىڭىزغا ئېسىلىپ ……… ھەي مەڭگۈ سىز بىلەن ياشىسام دەيمەن . توي قىلايلى .
يەنە نىيىتىمدىن يالتىيىپ قالدىم . ئۆلتۈرمەيمۇ – يا ؟ ئەمما ئۇ مېنىڭ تورغا چىقىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشىمغا بەك ئۆچ ئىدى . ئۆزى خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغاچقا سەل كالۋا ئىدى ، يېنىمدا كامادەك قاراپ ئولتۇرۇپ ، پىگىۋىندا باشقىلارغا يازغان خېتىمنى ‹ ئىنگىلىزچە پاراڭلىشىۋاتىمەن › دېسەم ، – ھـــە ، دەپلا ئولتۇراتتى . تولا مۇنبەردىن چىقمىسام ، بىر قېتىم نەدىن بىلدى بۇ ،

گۆشنىڭ ئەسكىسى توخۇ تاشلىقى،
ئادەمنىڭ ئەسكىسى مۇنبەر باشلىقى .

دەپ شېئىر توقۇۋاپتۇ ، ئەمما جېنىم چىققۇدەك ئاچچىقىم كەپتىكەن ، ئون كۈنگىچە گەپمۇ قىلمىغان ئىدىم . زادى ئۆلتۈرىۋېتەي …….
يولدىن ئۆتكۈچە چاققانلىق بىلەن ئۇنى ئىتتىك كېلىۋاتقان ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىۋەتتىم ، ماشىنا “ جــــاڭ “ لا قىلدى – دە ، قاتتىق تورمۇز قىلىپ توختىدى . ئايالىم سۈن ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدا چىقىدىغان تۈلكە جىندەك ھاۋايى مۇئەللەقتە بىر موللاق ئاتتى – دە ، يەرگە يىقىلدى . يىقىلدى – يۇ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ئۇدۇل قورققىنىدىن غال – غال تىتىرەپ تۇرغان شوپۇرنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ ماشىنىدىن سۆرەپ چۈشتى .
- ھۇ خۇمسى ، ئادەم جىق بولغاندىن كېيىن چۈشۈپ ھەيدىسەڭ بولمامدۇ تەرەكتۇرۇڭنى ، مــــا ئېرىم مەندىن ئايرىلىپ قالسا ئېلىپ بېرىدىغان ئىگىچى – سىڭلىڭ بارمىتى – يا ؟ ! ئالە پراۋاڭنى ، نەدە يۈرۈپ ئالغان نىمە – ئۇ ؟ !
- يا پاناھ ، ئايالىمنىڭ مۇنداق سەت تىل بىلەن ئادەم تىللىغىنىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن . ئايالىم پراۋىنى ئالدى – دە ، پارچە – پارچە قىلىپ يىرتىپ شوپۇرنىڭ چىرايىغا ئاتتى ۋە مېنى سۆرىگىنىچە ئېلىپ ماڭدى .
- كېچە ، ئۇ ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى ، مەن بولسام چىلىق – چىلىق تەر ئىچىدە تېلېۋىزور كۆرۈۋاتىمەن . مەن ئادەم ئەمەس ئالۋاستى بىلەن بىللە ياشاپتىمەن ئەمەسمۇ ….
- تېلۋىزور كۆرگۈچىلەر دىققەت : بۈگۈن سائەت 19:00دا قەشقەردىكى داڭلىقxxسودا سارىيى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، نورغۇن كىشىلەر خارابىلىق ئاستىدا قالدى،ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاياللار ئىكەن. ھازىر قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ .
ھەببەللى ! ئەمدى ياخشى بولدى ، ئالدىراپ بىنانىڭ كەينىدىكى گۈللۈككە ئۆتتۈم – دە ، ئورەك كولاشقا باشلىدىم . ئايالىمنى چاچتىن سۆرەپ مۇشۇ يەرگە كۆمۈۋىتىپلا ، ساقچىغا تېلىفۇن قىلىپ “ ئايالىم ئاشۇ سودا – سارايغا نەرسە – كېرەك سېتىۋالغىلى كەتكەن “ دەپلا مۇرادىمغا يەتمەمدىمەن …….
ئۇنى كۆمۈۋەتتىم ، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلدىم . بىردەمدىلا بىر توپ ساقچى ئۆيۈمگە يېتىپ كەلدى ، مەن ئاغزىمنى ئۆمەللەي دەپ بولغۇچە ساقچىلار مېنىڭ قولۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى . كىمدۇر بىرى :
- چىقىپ قاراپ بېقىڭلار بىنا ئەتراپىدا يېڭى كولانغان يەر بارمىكىن ؟ مۇشۇنىڭ بىلەن شەھىرىمىزدە 47 ئەر ‹ ئايالىم سودا – سارايدا ئۆلدى › دەپ خوتۇنىنى ئۆلتۈرىۋەتتى .
لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم .
- تۇرۇڭە ….. تۇرۇڭە ، تاماق پىشتى !
تۈرمىدە ئوخشايمەن . كۆزۈمنى ئاچتىم ، ئايالىم بېشىمدا تۇراتتى ، يەنە شۇ بالكونىمىز …… ئــــاھ خۇدا ! چۈشۈم ئىكەن . مەن سەكرەپ تۇردۇم – دە ، ئايالىمنى باغرىمغا چىڭ باستىم .
- خـــوتۇن ، مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن ! ! !

——————————————————————————–

بۇ ئەسەر تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ ساقلانغان . تەڭرىتاغ مۇنبىرى بىر بۇزۇلۇپ قايتا ئېچىلغاندىن كىيىن ، ئەسلىدىكى بارلىق مەزمۇنلار بىراقلا يوقالدى . بۇ ئەسەر ئېھتىمال شۇ بالا – قازادىن قۇتۇلۇپ ، تورداشلار بىلەن قايتا دىدارلاشقان بىردىنبىر ئەسەر بولۇشى مۇمكىن . ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئەسەر ئاپتورىنى خاتىرىلىۋالماپتىكەنمەن .

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *