ۋېيشىننىڭ توربەت نۇسقىسى
ۋېيشىننىڭ ئاخىرى كومپيوتىر نۇسقىسى چىقىپتۇ. يەنى توربەت شەكلىدىكەن.
http://www.wechatapp.com/ غا web wechat دېگەننى بېسىپ
ياكى http://login.weixin.qq.com غا بىۋاستە كىرىپ تېلفونىڭىزدىكى ۋېيشننىڭ ئېچىپ دوست قوشىۋېلىشتىكى سىكەنلەپ قوشىۋېلىشنى قوزغىتىپ يەنى تېلفونىڭىزنى كامىراسىنى قوزغىتىپ كومپيوتىر ئېكرانىدىكى 二维码 يەنى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكەنلىسىڭىز تېلفونىڭىزدا توربەت يۈزىدە ۋېيشىنگە كىرىرشكە جەزىملەمسە دەپ سورايدۇ. جەزىمەلەشنى باسسىڭىز بىردەمدىن كېيىن توربەت يۈزىدە ۋېيشىنڭىز ئېچىلىدۇ. توربەت يۈزىدىمۇ دوستلار بىلەن پاراڭلىشالايسىز. ئەلۋەتتە بۇنى يەنىلا شۇ تېلفون بار شارائىتتا تېلفوندىكى ۋېيشننىڭ ياردىمىدە تىزىملىتالايدىكەنمىز. خىزمەت قىلغاندا توربەتنى ئېچىپ قويۇپ تېلفوننى يانغا ئېلىپ قويسا خىزمەتكىمۇ دەخلى بولمايدىكەن. مۇشۇنچىكلىرەك پايدىسى بار ئوخشايدۇ. ھەتتا رەسىمنىمۇ ئەۋەتكىلى بولىدىكەن. بۇنداقتا ئېقىم تېجىلەمدۇ قانداق؟! تېخى 文件传送助手 يەنى ھۆججەت يوللاش ياردەمچىسى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن كومپيۇتىر بىلەن يان تېلفوندىك رەسىم ۋە يېزىقلارنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن. ھەتتا باش رەسىمنى كومپيوتىردىلا چىقارغىلى بولىدىكەن. بۇنداقتا تېلفوندىكىدەك ئېكراننى سىرىپ ئاۋارە بولمايدىكەنمىز.