ئائىلىلەرگە خىرۇستال چىراغ ئورنىتىشتا سەل قاراشقا بولمايدىغان نۇقتىلار
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆركەم خىرۇستال چىراغلار كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە. شۇغىنىسى ساختا خىرۇستال چىراغلارمۇ بازاردا سېتىلماقتا. مۇتەخەسسىسلەر ئۆيلەرگە خىرۇستال چىراغ ئورناتقاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى نەزەرگە ئېلىشنى ئەسكەرتتى.
خىرۇستال چىراغلارنىڭ لايىھەلىنىشى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئاسان تازىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، خىرۇستال چىراغلارنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۇنى چاڭ – توزان باسىدۇ، ئىستېمالچى ئۆزى تازىلاي دېسە، چىراغلارنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئىشلەپچىقارغان ئورۇنغا تازىلىتاي دېسە، كۆپلىگەن زاۋۇتلار سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتگە ئىگە ئەمەس؛ خىرۇستال چىراغلار نازۇك، ئورنىتىشمۇ مۇرەككەپرەك بولغاچقا، كۆپىنچە ئائىلە مۇلازىمەت شىركەتلىرى خىرۇستال چىراغلارنى تازىلىغاندا بۇزۇلۇپ كېتىشى ۋە باشقا ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ، تازىلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئاز ساندىكى ئائىلە مۇلازىمەت شىركەتلىرى تازىلاشنى خالىغان بىلەنمۇ، تازىلاش ھەققىنى يۇقىرى قىلىۋالىدۇ ياكى تازىلاش جەريانىدا چاتاق چىقسا، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگە بولۇشىنى ھەم قۇراشتۇرۇۋېلىشىنى ھاۋالە قىلىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، خىرۇستال چىراغلارنىڭ كۈچلۈك نۇرى كۆزنى چېقىپ، سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ياشانغانلار، بالىلار بار ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ ياتاق ئۆيگە خىرۇستال چىراغ ئورنىتىش ياخشى ئەمەس. بۇنداق چىراغ ئۆسۈپ – يېتىلىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە خىرۇستال چىراغلارنىڭ باھاسى خىرۇستالنىڭ ساپلىق دەرىجىسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. گەرچە ھازىر خىرۇستال چىراغلار قولدا ئىشلەپچىقىرىلسىمۇ، ئەمما سۈپەت جەھەتتىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. بىرقىسىم قانۇنسىز تىجارەتچىلەرنىڭ ساختىنى راست قىلىپ كۆرسىتىشى بىلەن بىلمىگەن خېرىدارلار ئالدىنىپ قالىدۇ.
خىرۇستال چىراغ سېتىۋالغاندا، مۇنداق تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەخسۇس خىرۇستال چىراغ ساتىدىغان داڭلىق دۇكانلاردىن سېتىۋېلىش، ھەرگىزمۇ ھەرخىل چىراغلار بار ئادەتتىكى دۇكانلاردىن سېتىۋالماسلىق؛ ئىككىنچىدىن، باھاغا قاراش كېرەك، باھاسى 1000 يۈەندىن تۆۋەن بولغان چىراغلار ئاساسەن سۈپەت جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تور بېكىتى ياكى زاۋۇت باشقۇرۇش تورىغا چىقىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇننىڭ سالاھىيىتىنى ۋە ئۇلار ئىشلەپچىقارغان چىراغنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش؛ تۆتىنچىدىن، خىرۇستال چىراغنىڭ ئوراش ئۇچۇرى ۋە چۈشەندۈرۈشىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن ماس كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم. (مۇختەبەر پەرھاد تەرجىمىسى)
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى