ھەقىقىي ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ئۈزۈلمىسۇن

يوللانغان ۋاقتى : 2014-03-25 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 227 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140325-092501.jpg

ئەسسالامۇئەلەيكۇم……
يەنە باشلاندى……
ئۇخلاش ئالدىدىكى ھېكايە (3)
پارول
-دادا ،دادا،ھېكايە ئېيتىپ بېرە……
-ئۇيقۇڭلار كەلمەپتۇدە……،
-سىنىڭ ھېكايەڭ تېخىمۇ تېز ئۇخلىتىدىكەن……
-ماقۇلە،بۈگۈن پاقىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەي……
-چىن تۆمۈر باتۇرنىڭچۇ……
-ۋاي ۋۇي،زېرىكمىدىڭلار شۇ باتۇردىن ،پاقىنىڭ نوچى……
پارول يەنە بىمەنە چۆچەكنى باشلىۋەتتى……
-بۇرۇنقى زاماندا ناھايىتى ماختانچاق،گەپدان پاقا بار ئىكەن……
-پاقا گەپ قىلالامدا؟
-ھە……بۇرۇن پاقىلار ئادەمدەك گەپ قىلىدىكەنتۇق……
بۇ ماختانچاق،گەپدان پاقا بىر كۈنى ئولتۇرۇپ تۇتسا،بىر توپ غازلار ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ قاپتۇ،غازلار رەتلىك ئاۋاز چىقىرىپتۇ:
-قو قوققققق ،قوقو قوقققق
-دادا ،ئۇ توخۇنىڭ ئاۋازى……
-ھە،ئۇنداق بولسا ئۇلار :
-ۋىچىر ۋىچىر ……ياق،غاق غاق غاق……
-قۇشقاچ ئۆردەكنىڭ ئاۋازى؟
-قۇۋق قۇۋق قۇۋق قىلىپ ئۇچۇپتۇ……
-بىر ئاز ئوخشىدى……
-ھە ئىلەشتۈرمەڭلار……
پاقا ئۇلاردىن سوراپتۇ:
-نەگە ماڭدىڭلار غازلار؟
غازلار كارى بولماپتۇ……
-ھەي غازلار……نەگە ماڭدىڭلار……
غازلار يەنە كارى بولماپتۇ،شۇنىڭ پاقا يىنىدىن نان چىقىرىپ،دەرھال سۇغا چىلاپتۇ……
-دادا،نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ پاقا؟
-چۈنكى كونىلار ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسغا نان چىلاش دىگەن……
-ھە~
-شۇنىڭ بىلەن پاقا ئويناپ كېتىۋىتپ،بىر قۇشقاچقا ئۇچراپ قاپتۇ،ئۇ قۇشقاچتىن:
-قۇشقاچ ،قۇشقاچ ،سەن نىمە يىيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىسەن
قۇشقاچ:
-مەن ھاشارەت تۇتۇپ يىيىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن
پاقا:
-مەن پاشا تۇتۇپ يىيىشنى ياخشى كۆرىمەن،خەير خوش!
پاقا مېڭىپ مېڭىپ،ئالدىغا بىر توشقان ئۇچراپتۇ،پاقا توشقاندىن سوراپتۇ:
-توشقان،توشقان،سەن نىمىنى يىيىشكە ئەڭ ئامراق؟
توشقان:
-مەن ئوت چۆپ،سەۋزە يىيىشكە ئامراق
پاقا:
-مەن پاشا،كۇمۇتا يىيىشكە ئامراق،خەير خوش
پاقا ماڭە ماڭە،ئالدىغا مايمۇن ئۇچراپ قاپتۇ،ئۇ مايمۇندىن سوراپتۇ:
-مايمۇن،مايمۇن،سەن نىمە يىيىشكە ئەڭ ئامراق
مايمۇن:
-مەن شاپتۇل،بانان يىيىشكە ئامراق !
پاقا:
-مەن پاشا كۇمۇتا يىيىشكە ئەڭ ئامراق،خەير خوش
پاقا ماڭە ماڭە،بىر تىمساققا ئۇچراپ قاپتۇ،پاقا ئۇنىڭدىن سوراپتۇ:
-تىمساق ،تىمساق ،سەن نىمە يىيىشكە ئەڭ ئامراق؟
تىمساق:
-مەن گەپ قىلالايدىغان پاقا يىيىشكە ئامراق
پاقا:
-گۇا !گۇا! گۇا!
-دادا،پاقا خەنزۇچە ئاۋازچە چىقىرىتۇما؟
-ۋاي تاڭەي،مەن بىلمىسەم……
-دادا،ئۇيقۇمىز كەلدى……
-ئۇخلاڭلار!ئەتە يەنە بار ھە……
-ماقۇل……
تۈگىدى……
بۇ پەقەت پارولدەك دادىلارنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن توقۇلغان ھېكايە……
يەنە دەيدىغىنىم……
ھەقىقىي ئۇيغۇر چۆچەكلىرى ئۈزۈلمىسۇن
پارول

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *