ئىككى دانە چوڭ ئالما

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-31 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 157 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

بىر ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئائىلە ۋە ئانىنىڭ بالىغا بېرىدىغان دەسلەپكى تەربىيەسى ئەڭ مۇھىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئامېرىكىلىق بىر مەشھۇر پىسخولوگ ئانىنىڭ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىككى كىشىنى تەكلىپ قىپتۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن ئىكەن. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 50 نەپەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار كىشىلەرنى تاللاپ ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۇلاردىن ئانىسىنىڭ ئۆز ھاياتىغا بولغان تەسىرىنى يېزىپ چىقىشنى تاپىلاپتۇ. ئىككى پارچە جاۋاب خەت ئۇنىڭ قەلبىدەن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇ. بىر پارچە خەت ئاق سارايدىكى بىر مەشھۇر كىشىدىن كەلگەن، يەنە بىر پارچىسى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بىر مەھبۇستىن كەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا ئوخشاش بىر ئىشنى، يەنى كىچىك ۋاقتىدا ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئالما بۆلۈپ بەرگىنىنى يازغان ئىكەن.
تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەھبۇسنىڭ خېتىدە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر كۈنى ئانام بىر نەچچە تال ئالما ئېلىپ كەلدى. ئالمىلار شۇنچىلىك قىزىل بولۇپ، چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشىمايتتى. كۆزۈم ئوتتۇرىدىكى ھەم قىزىل، ھەم يوغان ئالمىغا چۈشۈپ ئۇنى ئېلىپ ئىنتايىن يېگۈم كېلىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئانام ئۇكام ئىككىمىزدىن: ‹‹سىلەرگە قايسىسى كېرەك؟›› دەپ سورىدى. مەن ئەك چوڭ، ئەڭ قىزىل ھېلىقى ئالمىنى دەپ بولغۇچە ئىنىم مەندىن بۇرۇن دەۋەتتى. ئانام بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا بىر ئالىيىپ قويۇپ: ‹‹ياخشى بالا دېگەن ياخشى نەرسىلەرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ››، دەپ تەنبىھ بەردى.
شۇنداق قىلىپ مەقسىتىمنى دەرھال يوشۇرۇپ: ‹‹ئانا، ماڭا ئاۋۇ ئەڭ كىچىكى كېرەك، چوڭىنى ئۇكام يېسۇن!›› دېدىم.
ئانام ناھايىتى خۇشال بولۇپ يۈزلىرىمگە سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن ھېلىقى ھەم يوغان، ھەم قىزىل ئالمىنى ماڭا مۇكاپات قىلىپ بەردى. مەن ئويلىغان نەرسەمگە ئېرىشتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن يالغان ئېيتىشنى ئۆگەندىم. كېيىن بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاسىتە تاللىمايدىغان بولدۇم. ئاقىۋەتتە مانا ھازىرقىدەك تۈرمىگە قامالدىم.
ھېلىقى ئاق سارايدىكى مەشھۇر ئەربابتىن كەلگەن خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى: ئىنىلىرىم بىلەن ئەڭ چوڭ ئالىمىنى تالىشىپ قالغان ۋاقتىمىزدا ئانام ھېلىقى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىزىل ئالمىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ بىزگە: ‹‹ئىككىلىڭلارنىڭ مۇشۇ ئالمىنى يېگۈسى بار. ناھايىتى ياخشى، ھازىر بىز بىر مۇسابىقە ئۆتكۈزەيلى. مەن ئىشىك ئالدىدىكى چىملىقنى ئۈچكە بۆلىمەن. ھەر بىرىڭلار بىر پارچىگە مەسئۇل بولۇپ چىملارنى قىرقىيسىلەر. كىم ئەڭ تېز، ئەڭ ياخشى قىلالىسا بۇ ئالمىنى شۇ ئالىدۇ›› دېدى. بىز ئۈچىمىز مۇسابىقىگە كىرىشىتۇق، نەتىجىدە مەن ھېلىقى ئەڭ چوڭ ئالمىغا ئېرىشتىم. مەن ئانامغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ ماڭا بىر تولىمۇ ئاددىي ھەم تولىمۇ ئۆلچەملىك بولغان بىر قائىدىنى ئۆگىتىپ قويدى: ياخشىسىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن، چوقۇم تىرىشىپ بىرىنچى بولۇشۇڭ كېرەك. بۇ ناھايىتى ئادىللىق، سىز قانچىلىككە ئېرىشىشنى ئويلايدىكەنسىز، چوقۇم شۇنچىلىك بەدەل تۆلىشىڭىز كېرەك!

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *