تۇرمۇشنىڭ سۆيگۈگە بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى
بىر موزدوز كۆپ يىللار ئىلگىرىكى قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە يايمىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتماقچى بولغىنىدا، بىر بالىنىڭ يىراقتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. بۇ بالا بەكلا توڭلاپ كەتكەچكە، موزدوز ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن موزدوزنىڭ خوتۇنى ئۇنى كېچىچە تىللاپ چىقىپتۇ.
ـــ بۇنداق سەرگەردان بالىنى كىم بېقىۋالىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۆيدە ئادەم ئاز دەمسىز؟ ھازىر بىزنىڭ تاماق يېيىشىمىزنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتسا، بۇ بالىنى قانداقمۇ بېقىپ بولالايمىز؟
ـــ مەن پەقەت بۇ بالىنىڭ بىچارىلىكىگە قاراپلا، ئۇنى ئۆيگە ئەكەلدىم…
گەرچە بۇ ئەر-خوتۇن بۇ بالا توغرىسدا شۇنداق كۆپ تالاش-تارتىش قىلىشقان بولسىمۇ، بالا يەنىلا بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قاپتۇ. موزدوز بىر ياقتىن ئاياغ يامىسا، يەنە بىر ياقتىن كىملەرنىڭ بالىسى يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئالغىلى كەلمەپتۇ. بۇ بالىمۇ خېلىلا چوڭ بولۇپ قاپتۇ ھەم بۇرۇنقىدىنمۇ بەك گەپ ئاڭلايدىغان، ئەقىللىق بولۇپ كېتىپتۇ. موزدوزنىڭ خوتۇنىمۇ بارغانسېرى بۇ بالىغا ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى تاماق ۋاقتىدا موزدوزنىڭ خوتۇنى موزدوزغا:
ـــ بىز بۇ بالىنى ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋالايلىچۇ؟ ـــ دەپتۇ. بىراق موزدوز ئويلىمىغان يەردىن:
ـــ نېمىلەرنى دەيدىغانسەن؟ بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھازىر ئوغلىنى ئىزدەپ ساراڭ بولۇپ قالايلا دېگەندۇ؟ ـــ دەپتۇ.
موزدوز بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەشنى بىر مىنوتمۇ توختىتىپ قويماپتۇ. ئۇ باشقىلارغا ئادەم ئىزدەش ئېلانى يازدۇرۇپ تارقىتىپتۇ، ھەرخىل ئاماللارنى قىپتۇ، ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىش دېگەنلا ئوي بارئىكەن. ئاخىر بىر كۈنى بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ يەرنى تېپىپ كەپتۇ ۋە نەچچە ئېغىز رەھمەت سۆزى قىپلا بالىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. لېكىن موزدوز ھېچنېمە دېمەي پەقەت كۈلۈپلا قويۇپتۇ، خالاس.
تۇرمۇش بۇ موزدوزغا چاقچاق قىلغاندەك، بۇ بالىنىڭ شۇ قېتىم كەتكىنىچە ھېچقانداق خەۋىرى بولماپتۇ. كېيىن بۇ موزدوز ئۆيىدىكىلەر بىلەن بۇ شەھەردىن كۆچۈپ كېتىپتۇ ھەم بىر ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بالىنىڭ يېشىنى ھېسابلاپتۇ ھەم بۇ بالىنىڭ بىر كۈنلەردە كېلىپ ئۆزلىرىنى يوقلاپ كېتىشىنى ئۈمىد قىپتۇ، بىراق بۇ بالا شۇ كەتكىنىچە قايتا كەلمەپتۇ. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن تالانتلىق بىر يىگىتنىڭ يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەشكە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن نامى چىقپ كېتىپتۇ، ئەسلىدە بۇ يىگىت ئىنتېرنېت تورىدا مەخسۇس ئادەم ئىزدەيدىغان بىر تور بېكىتىنى قۇرغانىكەن.
كىشىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ھېلىقى موزدوزنىڭ ئىسمى بۇ تور بېكەتنىڭ ئىسمى قىلىنغانىكەن. بۇ تور بېكىتىگە كىرسىلا كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە تور بېكەت قۇرغۇچىسى چىقىرىپ قويغان «ئادەم ئىزدەش ئېلانى» نى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئىزدىمەكچى بولغىنى دەل كۆپ يىللار ئىلگىرى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلغان ۋە ياردەم بەرگەن ھېلىقى موزدوز ئىكەن.
شۇنداق، سىز باشقىلارنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشكىنىڭىزدە، بۇ تۇرمۇشمۇ سىز ئېرىشكەن غەمخولۇقنى مەشئەلگە ئايلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق باشقىلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلغاندا، بۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ سۆيگۈگە بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. كەيپىيات ئادەمگە يۇقىدۇ، بىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزمۇ ئۆز ئارا ئالاقە جەريانىدا يۇقىدۇ.