مارت 6 2012
ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ
- يېڭى ئېچىلغان تاغ گۈلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن راھەتبەخىش شەھەردىن ۋاز كېچىشكە، تاغقا ياماشقۇچى ئەزمەت بولۇش ئۈچۇن، ئاپئاق تېرىڭىزدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
- تۇرمۇش گاھىدا سىزنى ھوقوقىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە، پۇرسەتنى قولدىن بېرىشكە ،ھەتتا مۇھەببەتتىنمۇ ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلايدۇ . ئېرىشىمەن دىگەن نەرسىڭىزگىلا ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن، شۇڭا تۇرمۇشتا ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويىشىڭىز كېرەك. ب
- ۈگۈنكى ۋاز كېچىش ئەتىكى ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. ۋاز كېچىش قىياپىتىڭىىزنى ياخشىلاپ سىزنى كەڭ قورساق ۋە خۇشخۇي كۆرسىتىدۇ. ۋاز كەچسىڭىز كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىسىز. تېخىمۇ زېرەك ،قابىل،بەردەم بولىسىز.
- دوستۇم ۋاز كېچىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ، ئەرزىمەس ،ئەھمىيەتسىز ،ئارتۇقچە نەرسىلەردىن_ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كىچىڭ!