ساقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك سۆزلەر
1- ھەر كۈنى ئۈزىڭىزگە بىر قېتىم «مەن يارايمەن!»دەڭ.
2- ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.
3- قۇياشقا يۈزلىنىڭ شۇندىلا ئۈمۈتسىزلىكنىڭ سايىسى كۆز ئالدىڭىزدىن يۇقىلىدۇ.
4- سىز ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيسىز، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ھاۋارايىغا بولغان بىزار بۇلۇش كەيپىياتىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز.
5-ئوي-پىكىرىڭىز ھەركىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ھەركىتىڭىز ئادىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، ئادىتىڭىز مىجەز-خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ، مىجەز-خاراكتىرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
6- ئىرىشكەنلىرىڭىز بىلەن ھىساپلاشماي توختىماي تەر تۆكىۋېرىڭ، بىر كۈنى پايدىسىنى كۆرىسىز.
7- قىش كەلدى، شۇنداقلا باھار بىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى.
8- ئىلكىڭىزدە بارىدا قەدىرلەڭ، ئايرىلىپ قالغاندا پۇشايمان قىلماڭ.
9-ھەر ۋاقىت كەينىڭىزدىكى ئىشىكنى يېپىپ مېڭىڭ.(يەنى بۇرۇنقى نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئۇلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ.)
10- ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا، ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ.
11-ئەگەر ئايدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىزغا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويسىڭىز،ئۇنداقتا يۇلتۇزلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز.
12-تىرىشىپ ئۆگىنىڭ بىلىملىك بۇلىسىز. تەنقىتتىن قۇرقماڭ، غەيرەتلىك بۇلىسىز. ئويلاپ سۆزلەڭ، ئىناۋەتلىك بولىسىز. بىرسىنى تاللاڭ، خاتىرجەم بولىسىز.
13-دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز. جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىزنى توغرا تاللاڭ، بىر ئۆمۈر مۇۋەپپەقىيەت ئىچىدە ئۆتىسىز.
14-نۇر چېچىش پەقەت قۇياشقىلا خاس ئەمەس، ىزمۇ نۇر چاچالايسىز.
15-ئەخمەقلەر تېنى ئارقىلىق روھىنى باشقۇرىدۇ، دانالار روھى ئارقىلىق تېنىنى باشقۇرىدۇ.
16-ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.
17-خوشاللىق بىر خىل پۇزىتسىيە،بىر كىشى خوشال يۈرۈشنى چىن دىلىدىن نىيەت قىلسىلا چۇقۇم خوشال يۈرەلەيدۇ.
18-خوشال ئۈتۈشنىڭ سىرى: ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. باشقىلارنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى جازالىماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىگى ئۈچۈن باشقىلارنى جازالىماڭ.
19-بىزنىڭ نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنىڭ مەنبەسى: ئۆزىمىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن يەنى سېلىشتۇرغاندا ئۆزىمىز ئىگە بولامىغان نەرسىگىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە سەل قارىغانلىقىمىزدىن كېلىدۇ.
20-ئۇنچىۋالا قايغۇرۇپ كەتمەڭ، ھاياتىڭىزدا مەلۇم نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويۇش-بەلكىم ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشتۇر. ئېزىپ قېلىش-بەلكىم يېڭى يول ئىزلەشتۇر.
21- ئاچچىقلىنىش-باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتۇر.
22- بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ چارىسى-ئىلكىدە بارىنى قەدەرلەش،ئىلكىدە بولمىغانلارنى ئۇنتۇپ كىتىش.
23-سىز مۇھەببەت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئېرىشەلەيسىز،شۇنداقلا ئۆچمەنلىك ئارقىىلىق پۈتۈن دۇنيادىن ئايرىىلىپ قالىسىز.
24- ئاچكۆزلۈك ھەقىقى نامراتلىق. قانائەت بولسا ئەڭ ھەقىقى بايلىق.
25- ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازاپنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.
26- خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن تەڭ بەھرىلەنگەندىلا تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بۇلىدۇ.
27- خۇشاللىق ئېرىشكەنلىرىڭىزنىڭ كۆپلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ھىساپلاشقانلىرىڭىزنىڭ ئازلىقىدىندۇر.
28- ئادەمنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرىغان ئاشۇ قىسقىغىنە مىنۇتلاردا بەلگىلىنىدۇ.
29- بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەڭنىڭ خۇي-پەيلىدىن كۆر.
30- مەيلى قايسى ۋاقىتتا باشلاڭ، ئەڭ مۇھىمى باشلىغاندىن كىيىن توختاتماي داۋاملاشتۇرۇڭ.
31- مەيلى قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرۇڭ، ئەڭ مۇھىمى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن پۇشايمان قىلماڭ.
32- ئادەم ئەگەر قورقۇنچاق بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولىدۇ. ئادەم ئەگەر باتۇر بولسا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى بولالايدۇ.
33- ئەڭ زور ئۈمىد ۋە بارلىق كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، ئەمما ئەڭ يامان ئاقىۋەتكىمۇ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭ.
34- ھۇرۇنلىق، ئىرادىسىزلىك ۋە بىكارچىلىق ئەقىلىنى داتلاشتۇرىدۇ.
35- ھەربىر ئىشنى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن كۈزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش شۇنداقلا ھەر ۋاقىت ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىنىپ بېقىش كېرەك.
36- ئۈمۈدلۈك ئادەم ئازاپنى خۇشاللىققا، «دوۋزاق»نى «جەننەت»كە ئايلاندۇرالايدۇ.
37- بارلىق غەلبىلەر ئۆزىنى بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ غەلبىنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. بارلىق مەغلۇبىيەتلەر ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ مەغلۇبىيەتنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
38- خۇدا كىشلەرنىڭ ئەخمەقلىقىدىن ئەسلا ئاغرىنمايدۇ، ئەمما كىشىلەر دائىم خۇدانىڭ تەڭسىزلىگىدىن ئاغرىنىدۇ.
39- دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ ھارغۇزىدىغىنى كۈنلەرنى بىكارچىقتا مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتۇر.
40-ھاياتىڭىزدىكى بىرىنچى ياشلىقنى خۇدا ئاتا قىلىدۇ، ئىككىنچى ياشلىقنى ئۆزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىسىز.
41- ئوي-پىكىر ئۈشكىگە ئوخشايدۇ، كۈچنى مەلۇم نوقتىغا مەركەزلەشتۇرگەندىلا ئاندىن تىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
42- ئادەم ئۆزىنىڭ نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ.
43- ئەگەر تاڭنى مەدھىيلىگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قاراڭغۇ كېچىنىمۇ قۇچاقلاپ قويۇڭ.
44- ھاياتلىقى مۇھىمى تۇرغان ئۇرنىڭىز ئەمەس، يۈزلەنگەن نىشانىڭىز.
45- ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگىدىن ۋاز كەچمەڭ.
46- ھاياتلىق بەك قىسقا، بۈگۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزگە ئەتە ئېرىشەلىشىڭىز ناتايىن.
47- تالانت بىر پىرسەنت ئىلھام بىلەن99پىرسەنت تىرىشچانلىقنىڭ يىغىندىسىدۇر.
48- بىز ئادەملەر بەك ئەخمەق، دائىم ئېرىشكەنلىرىمىزنى قەدىرلىمەي ئەكىسچە ئېرىشەلمىگەنلىرىمىز ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يۈرىمىز.
49- ئاۋال ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز كۆزگە ئىلغاندىلا،باشقىلار ئاندىن سىزنى كۆزگە ئىلىدۇ.
50- ئۈمىدلىكلەر ئاپەت ئىچىدىكى پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ، ئۈمىدسىزلەر پۇرسەت ئىچىدىكى ئاپەتنى كۆرىدۇ.