مەن ياقتۇرغان ۋە مىنى ئويلاندۇرغان جۈملىلەر.
مەن ياقتۇرغان ۋە مىنى ئويلاندۇرغان جۈملىلەر.
ئىنسان كىچك چېغىدا قېرىنداش قەلەم بىلەن خەت يازسا چوڭ بولغىنىدا سىيا قەلەم بىلەن خەت يازىدۇ…. بۇنىڭدىن مەقسەت ئۇ ئىنساننىڭ ئەمدى خاتالىقنى ئۆچۈرۈش ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.
************************************
;مەن بۇ ھاياتىمدا مەن ياخشى كۆرگەن كىشلەرنىڭ يوقاپ كىتشىدىن ئەنسىرەپلا ئۆتتۈم ….ئەجىبا بۇ يەردە مىنىڭ يوقاپ كىتشىمدىن ئەنسىرەيدىغان كىشلەرمۇ بارمىدۇ؟
************************************
ئۈچ خىل كۆز ياشتىن ھەزەر قىلغىن .
1. زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ كۆز يېشى
2. يېتىملەرنىڭ كۆز يېشى
3. ئاتا – ئاناڭنىڭ كۆز يېشى
بۇ كۆز ياشلارنىڭ بىرىنى ئېقىتساڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئىككى دۇنيالىق جەھەننەم ئىشىكىنى ئاچقان بولىسەن .
*************************************
دۆت ئەر دىگەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى دىدەك قىلىپ ئۆزى دىدەكنىڭ ئېرى بۇلۇپ ئايالىم مەندىن قۇرقىدۇ دەپ ياشايدۇ ئەقىللىك ئەر ئۆزىنىڭ ئايالىنى مەلىكە قىلىپ مەلىكىنىڭ ئېرى بۇپ ياشايدۇ
دۆت ئايال ئۆزىنىڭ ئېرىنى قۇل قىلىپ ئۆزى قۇلنىڭ ئايالى بۇپ ياشايدۇ ئەقىللىك ئايال ئېرىنى پادىشاھ قىلىپ ئۆزى پادىشاھ نىڭ ئايالى بۇپ ياشايدۇ
*************************************
مەن شۇنچىكى ئاددىي بىر ئادەم مەن،ئاياغىم يەردە تۇپراققا تېگىپ تۇرسا شۇنىڭ ئۆزى كاتتا گەپ!
ئەمما مېنىڭ ئۆزۇمنىڭ تۇتقان يولۇم ۋە ئېتىقادىم بار!
شۇ سەۋەپلىك ئۆزۇمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېساپلايمەن…