جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى قانداق؟
سوئال: جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى قانداق؟
جاۋاب: جۈمەنىڭ پەرزى پېشىن نامىزىنىڭ پەرزىدىن مۇھىم ۋە ئۇلۇغ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنداق بولغان ئىكەن، جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھىنىڭ باشقا پەرز نامازلاردىن بىرەرسىنى تەرك ئەتكەنلىكنىڭ گۇناھىدىن ئېغىر ۋە قاتتىق بولىدىغانلىقى تەبىئىيدۇر.
چۈنكى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەپتىلىك چوڭ قۇرۇلتىيى ئورنىدا تۇرىدىغان، ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدىغان، ۋەز-نەسىھەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تەقۋالىقىنى ئاشۇرىدىغان، غەپلەتتىكىلەرنى ئويغىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ بىرلىكىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ئىبادەتتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئۆزۈرسىز تۇرۇپ ئۈچ جۈمەنى ئارقا-ئارقىدىن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبىنى ئاللاھ ھىدايەتتىن بۇرىۋېتىدۇ»( [)) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.] دەپ ئاگاھلاندۇرغان.