3 ياشلىق بالىنىڭ ھېكايىسى
3 ياشلىق بالىنىڭ ھېكايىسى
تېخى ئەمدىلا 3 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ ئالمىغان بالا ئۆيىگە يىغلامسىراپ كىرىپ كەلدى. بالىنىڭ ئوڭ قول كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن قان ئېقىۋاتقان.. دادا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئوغلۇم قولۇڭغا نېمە بولدى.. سېنى كىم بوزەك قىلدى..؟ بالىنىڭ يىغىسى تېخىمۇ كۈچەپ كېتىۋاتاتتى.. دادىنىڭ ئاچچىقى كەلدى بالام ساڭا زادى نېمە بولدى .. سېنى كىم بوزەك قىلدى دېسەڭچۇ.؟ قولۇمنى بىيشى چىشيىۋايدى.. دېدى بالا. بالام سەن مېنىڭ ئوغلۇم تۇرساڭ شۇنىڭغىمۇ يىغلايدىغان ئىشمۇ بولدى يىغلىما. بالىنىڭ يىغىسى دەسلەپتىكىدىنمۇ كۈچەپ كەتتى. دادا ھەيران قالدى.. بالام….. بىر ئىش بولدىمۇ ساڭا دېسەڭچۇ. بالا ھېقىستىغىنىچە جاۋاپ بەردى. مەن قولۇمنىڭ ئاغيىقىغا يىغيىمىدىم.. ئەمىسە نېمىگە يىغلاۋاتىسەن ئوغلۇم؟ ئاللاھ بىي دەيدىغان قويۇمنى چىشلىۋلغۇچە باشقا قويۇمنى چىشيىۋاشا بومامدۇ…؟ ئوغلىنىڭ بۇ گېپىدىن شۇنچىلىك سۆيۈندىكى دادىنىڭ كۆزلىرىدىن خوشاللىق ياشلىرى تۆكۈلىۋاتاتتى.. . ئۇلۇغ ئاللاھ ,بارچە مۇسۇلمانلارغا ئەنە شۇنداق پەرزەنت ئاتا قىلغايلا..ئامىن..!