ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سېلىشتۇرمىلىرى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-09 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 236 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سېلىشتۇرمىلىرى

ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ھەممە نەرسىنى رەتلىك ، جاي -جايىدا قويىدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن تۇرمۇشتا تەرتىپسىزلىشىپ
كېتىدۇ ، بۇ ئۇلارنىڭ ھورۇنلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئەمەس . ئۇلار خوتۇنىنىڭ نەرسە يىغىشتۇرغاچ ئانچە-مۇنچە قاقشاپ قويۇشلىرىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدۇ
      ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ، دورا يەپ يۈرۈپ ساقىيىدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئانچىكى كېسەل بولۇپ قالسىمۇ ۋايجانلاپ يېتىۋالىدۇ ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق چاغدا خوتۇنىنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن ھالىتىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. 
      ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ھەمىشە ئايال بولغۇچى چوقۇم ئېرىنىڭ سىزىقىدىن چىقماسلىقى كېرەك دەپ ئويلايدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئاندىن ئاياللارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى ، ياشاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
     ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ئەر كىشى چوقۇم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىن ئايالىغا ئانچە-مۇنچە يالغان سۆزلەپ قويسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
     ئەرلەر ئۆيلەنمىگەن چاغدا ئاياللارنىڭ نېمە ئۈچۈن كۆپ ياش تۆكىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ ، ئۆيلەنگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بەرگەن ئازابقا چىدىماي يىغلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
 
 

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *