يانۋار 5 2013
قار ۋە سالامەتلىك
قىش پەسلىدە قار يېغىپ ھەممە جاي قار بىلەن قاپلانغاندا، كىشىلەر قارنى تاماشا قىلىشىدۇ–يۇ، ئەمما قارنىڭ پايدا–زىيىنى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.
پايدىسى: قار سالامەتلىككە پايدىلىق. ‹‹دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى››دا قار سۈيىنىڭ زەھەرنى ياندۇرۇپ، ۋابانى ساقايتالايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. خەلق ئارىسىدا قار سۈيى ئارقىلىق كۆيۈك ۋە ئۈششۈكنى داۋالىغىلى بولىدىغان ئاددىي رېتسېپ بار. دائىم قار سۈيى بىلەن يۇيۇنسا، تېرە ۋە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن ساپاسىنى ياخشىلايدۇ.
ئەگەر ئۇزاق مۇددەت پاكىز قار سۈيى ئىستېمال قىلسا، ئۇزاق ئۆمۈركۆرۈشكە پايدىلىق. مانا بۇ تاغ قاپتىلىدا ياشايدىغانلارنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى ‹‹سىر››لارنىڭ بىرى. قارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئالاھىدە رولى بار؟ چۈنكى قارنىڭ تەركىبىدىكى ئېغىر سۇنىڭ مىقدارى ئادەتتىكى سۇنىڭ تەركىبىدىكى ئېغىر سۇنىڭ مىقدارىدىن ئاز بولىدۇ. ئېغىر سۇ جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق جەريانىنى بويسۇندۇرىدۇ. بەزىلەر تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، بېلىق تۈرىنىڭ ئېغىر سۇ تەركىبىي %30–%50 بولغان سۇدا تېزلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، ئادەتتە يېڭى قارنىڭ زىچلىقى ھەر بىر كۇب سانتىمېتىردا 0.05–0.10 گىرامغىچە بولىدىكەن. شۇڭا، يەر يۈزىدىكى يىغىندى قارنىڭ ئاۋاز دولقۇنىنى قايتۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، زور مىقداردىكى ئاۋاز دولقۇنىنى سۈمۈرۈۋېلىپ، شاۋقۇننى ئازايتىدىكەن.
زىيىنى: ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، يىغىندى قاردا %90 ئۇلترا بىنەپشە نۇر يەر يۈزىگە قايتىدىكەن. ئەمما، ئوتلاقتا ئاران %9–%17 بولىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يىغىندى قارنىڭ تەسىرىدە، ئادەم بەدىنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ قوش تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. يىغىندى قار بار جايدا، قارنىڭ نۇر قايتۇرۇشى كۈچلۈك بولغاچقا، يەنە كېلىپ، نۇر ھەممە تەرەپتىن قايتقاچقا، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرى ياز پەسلىدىكى دېڭىز ساھىلىنىڭكىدىن قېلىشمايدىكەن. شۇڭا، كىشىلەر قىشتا سىرتتا ئۇزاق ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلانسا ياكى مۇداپىئەسىز پائالىيەت ئېلىپ بارسا زىيانلىق ئىكەن.