ئىمام دەيدۇكى
ئىمام دەيدۇكى «يەر-زىمىن ئاسمان پەلەك ئىمارەتلەرنى، تاغلارنى ،مىلىيونلىغان ئىنسان ۋە جانىۋارلارنى كۆتىرەلىگەن بىلەن گۇناھ مەئسىيەتنى كۆتۈرەلمەيدۇ. يەر تەۋرەش بېكاردىن-بېكار يۈز بەرمەيدۇ. ھازىر جەمئىيتىمىز بەك بۇزۇلۇپ كەتتى. كىشىلەر قىز-ئاياللىرىنى يالىڭاچ كوچىغا چىقىشقا يول قويدى. نامازغا زاكاتقا سۇسلۇق قىلدى. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزنىڭ بۇزۇلۇش دەرجىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ھالەك قىلغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن قېلىشقۇسىز. ئەمما رەسۇلىمىزنىڭ ئاللاھغا يىلىنىپ قىلغان دۇئاسى سەۋەبلىك بىزگە قىيامەتكىچە پۇرسەت بېرىلدى. زىمىن مەئسىيەتكە چىدىمىغانلىقتىن تەۋرەيدۇ. باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇپ ياخشىلىققا بۇيرۇش ئۈچۈن ئالىم بولىشىڭىز ھاجەتسىز. كىم قانچىلىك بىلسە شۇنچىلىك يەتكۈزسۇن! بۇ پەرىز! بىز باشقىلارنى يامانلىقتىن قولىمىز بىلەن توسۇشقا بۇيرۇلدۇق. ئۇنداق قىلالمىساق ئاغزىمىز بىلەن توسۇشقا رۇخسەت قىلىندى. ئۇنىمۇ قىلالمىغان ئادەم كۆڭلىدە نارازى بولسۇن. بىراق كۆڭلىدە نارازى بولغانلىق ئۇ ئادەمنىڭ ئىمانىنىڭ ئىنتايىن زەئىپلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا ئىماندىن ئاجىراپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ….»
发自 WordPress for Android