ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلەر

ئاياللارنىڭ نەزىرىدىكى ئەرلەر

* ئەرلەر قېنىق دەملەنگەن قەھۋەگە ئوخشايدۇ،دائىم كېچىسى سىزنى ئۇخلاتمايدۇ.
* ئەرلەرمال ساتقۇچىغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ ھەر بىر گېپىگە ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايسىز.
* ئەرلەر كومپيوتېرغا ئوخشايدۇ، چۈشەنمەك قىيىن بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە دائىم چاتاق  چىقىپ تۇرىدۇ.
*ئەرلەر بانكا ئىسچوتىغا ئوخشايدۇ،پۇل بولمىسا قىممىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.
* ئەرلەر نىمكەش ئاپتوموبىلغا ئوخشايدۇ، باھاسى قىممەت ئەمەس، ئەمما بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
*ئەرلەر پېرىخونغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ قالىسىز، بىراق بىرەرسىمۇ توغرا چىقمايدۇ.
*ئەرلەر ھاۋارايىغا ئوخشايدۇ،سىز ھەرقانچە كۈچەپمۇ ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى توسىيالمايسىز.
*ئەرلەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا ئوخشايدۇ،ئورۇننىڭ ياخشىسىنى باشقىلار ئىگىلەپ بولىدۇ، بوش ئورۇنغا كىرىپ-چىقىش قولايسىز.
*ئەرلەر دورىغا ئوخشايدۇ،سىز مەڭگۈ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالىمىسىڭىزمۇ، تۇرمۇشتا ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ.
*ئەرلەر پوچتالىيونغا ئوخشايدۇ، ھەممە يەردە ئىشىك چېكىپ يۈرىدۇ،ھامان ئۇنىڭ بىرەر خەۋەر ئېلىپ كېلىشىنى ساقلاۋاتقانلار چىقىدۇ.
*ئەرلەر ئادۋوكاتقا ئوخشايدۇ،سىز ئۇنىڭ خاتالىقى بار دەپ قارىسىڭىزمۇ،ئۇ ھامان ئېتىراز بىلدۈرىدۇ.
*ئەرلەر دېلفىنغا ئوخشايدۇ،ھەممە ئاياللار ئۇنى ئەقىللىق دەيدۇ،بىراق ھېچكىم ئۇنى ئىسپاتلىيالمايدۇ.
*ئەرلەر ئېلانغا ئوخشايدۇ،ئۇنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا قارشى تۇرالمايسىز.
*ئەرلەر پوچتا ماركىسىغا ئوخشايدۇ،سىز ئۇنى چاپلىۋەتتىڭىزمۇ،ئۇنى ئاسانلىقچە يىرتىپ چىقىرالمايسىز.