خىزمەت تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەس
خىزمەت تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئەمەس
كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن يېتىپ بولۇڭ، چۈشتە ئامال بار يېرىم سائەتتىن بىرسائەتكىچە ئۇخلاڭ( بىر سائەتلىك چۈشلۈك ئۇيقۇ كەچلىك ئۈچ سائەتلىك ئۇيقۇغا تەڭ)، ياشلار كۈنىگە سەككىز سائەت ئۇخلىشى كېرەك.
يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىمايدىغانلارئەڭ ياخشىسى بالدۇر ئۇخلاشقا ئادەتلىنىڭلار.
كەچ سائەت 9 دىن11 غىچە بولغان ئارىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ زەھەر ھەيدەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا تېنچ ئولتۇرۇڭ ياكى مۇزىكا ئاڭلاڭ.
كەچ سائەت 11 دىن سەھەر سائەت 1 گىچە بولغان ئارىلىق جىگەرنىڭ زەھەر ھەيدەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ جەريان قاتتىق ئۇيقۇدىكى ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سەھەر سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت ئۆتنىڭ زەھەر ھەيدەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ جەريانمۇ قاتتىق ئۇيقۇدىكى ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
سەھەر سائەت 3 دىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت ئۆپكىنىڭ زەھەر ھەيدەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا يۆتىلى بار كىشىلەرنىڭ يۆتىلىشى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ ئۆپكىنىڭ زەھەر چىقارغانلىقى بولغاچقا، زەھەرلىك ماددىلارنىڭ چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن، بۇ چاغدا يۆتەل دورىسى ئىچمەسلىك كېرەك.
ئەتىگەن سائەت 5 دىن 7 گىچە بولغان ۋاقىت چوڭ ئۈچەينىڭ زەھەر ھەيدەش ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا ھاجەتخانىغا كىرىش كېرەك.
ئەتىگەن سائەت 7 دىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت كىچىك ئۈچەينىڭ ئوزۇقلۇق قۇبۇل قىلىش ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا چوقۇم ناشتا قىلىش كېرەك. داۋالىنىۋاتقانلار ئەڭ ياخشىسى سائەت 6 يېرىمدىن بۇرۇن، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىلار 7 يېرىمدىن بۇرۇن ناشتا قىلىش كېرەك. ناشتا قىلمايدىغان ئادىتى بارلار ئادىتنى ئۆزگەرتىشى كىرەك، سائەت 10،9لاردا ناشتا قىلىشمۇ ناشتا قىلمىغاندىن ياخشى.
تۈن نىسپىدىن سەھەر سائەت 4 كىچە بولغان ۋاقىت ئومۇرتقىنىڭ قان ئىشلەش ۋاقتى بولۇپ، چوقۇم ئۇيقۇنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.
ئېسىڭىزدە بولسۇن: خىزمەت تۇرمۇشىڭىزنىڭ پەقەت بىر قىسمى.
مەنبە:ئامانلىق ژۇرنىلى 2012-يىل 24-سان.