ئۇلۇغلارنىڭ ئادىمىيلىك توغرىسىدا ئېيتقانلىرى
1. بېخىل، نامەرد ئادەم ھەربىر تىلدا لەنەتلىنىدۇ، ئالىيجاناپ، سېخىي ئادەم ھەربىر جايدا ھۆرمەتلىنىدۇ.
2. قۇرت-قوڭغۇزلار شىرنىڭ بالىسىغا يېپىشىۋېلىپ، تەرەپ-تەرەپتىن تالايدۇ، ئەمما بىر تال مويىغا زەرەر يەتكۈزەلمەيدۇ، خۇددى شۇنىڭدەك ھەسەتخورلار ئالىيجاناپ ئادەملەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، ئارقىسىدىن غاجايدۇ، ئەمما ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.
3. بەدچىراي ئادەمنىڭ كەينىدە پەس خۇلقتىن باشقا ھېچنەرسە يوق. ھاجىتىڭنى ئىسسىق چىراي ئادەمدىن سورا.
4. ياخشى سۆز بىلەن تۈزەلمىگەن ئادەم ئۇرۇش-قىيناش بىلەن تۈزەلمەيدۇ.
5. كىمىكى ئاچچىق-ئاداۋەت تېرىسا، ئېغىرچىلىقنى ئورىۋالىدۇ.
6. راست سۆزلۈك ئادەمنىڭ كەمچىلىك، خاتالىقلىرى ئاز بولىدۇ.
7. بىر مۇنچە كىشىلەر باركى، ئۇلار سىزگە پىلىكتەك چىرمىشىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئەمما پۇرسەت كۈتۈپ، يامانلىق قىلىش قەستىنى تاشلىمايدۇ.
8. تىل يارىسى كۆپ چاغلاردا قىلىچ يارىسىدىن يامانراق.
9. بەزى ئادەملەر ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرىگە ياخشىلىق قىلىشنى تاشلاپ، يات كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدۇ. بۇ گويا تۆگەقۆشى ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى تاشلاپ، باشقا قۇشنىڭ تۇخۇمىنى بېسىپ ياتقىنىدەك بىر ئىش.
10. تەكەببۇر ئادەمنىڭ شىپالىق داۋاسى بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى چىۋىننى ئۇچۇرۋېتىشتۇر ھەمدە ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇققا قۇتراتقان شەيتاننى دىمىقىدىن قوغلاشتۇر. (ئانچە-مۇنچە دەككىسىنى بېرىپ قويۇشتۇر)
11. ئاغزىڭنى مىسۋاك (چوتكا) بىلەن تازىلايسەن، كاشكى شۇ ئاغزىڭنى غەيۋەت-شىكايەت، يالغانچىلىق بىلەن پاسكىنا قىلمىساڭ ياخشى بولاتتى.
12. تائامغا ھەددىدىن زىيادە ئاچ كۆزلۈك قىلىش پەس ئادەملەرنىڭ خۇلقىدۇر.
13. تولا چاغلاردا ھىيلە-مىكىر كۈچ-قۇۋەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، كۈچلۈك شىرلارنى ھىيلە بىلەن كولانغان ئورا ئارقىلىق تۇزاققا چۈشۈرۈش (ئوۋ قىلىش) مۇمكىن.
14. دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان، شۇنىڭدەك ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان.
15. ئىككى چېكەڭگە ئاق كىردى، قېنى تېزراق ئويلاپ كۆر، ئەجەلنى كېچىكتۈرۈش قولۇڭدىن كېلەمدۇ؟