بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان سەككىز خىل ئادەم
1. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ ھەم ئۇنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز قىلىڭ. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەممىسى كەلمەسكە كېتىدۇ.
2. ئىشەنچلىك دوستنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ. چۈنكى ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈرىدە ئۇچرايدىغان سىرداش دوستى راستتىنلا كۆپ ئەمەس.
3. كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ئېسىلزادە كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى.
4. ئىلگىرى سىزنى سۆيگەن ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ سىزگە سۆيگۈنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرگەن كىشى.
5. ھازىرقى ئۆمرىنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەمراھىڭىزنى قەتئىي قەدىرلەڭ. چۈنكى، سىلەر ھازىر بەخت ۋە ھەقىقىي سۆيگۈگە ئېرىشتىڭلار.
6. سىز ئىلگىرى خۇپىيانە ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا بەخت تىلەڭ. چۈنكى، سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۇنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭىزغۇ؟
7. ئوتتۇراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ھازىرقى پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىڭ. چۈنكى، سىزگە مۇشۇ بىر قېتىملا پۇرسەت كېلىشى مۇمكىن.
8. ئىلگىرى سىزدىن نەپرەتلەنگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ سىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغان، ناۋادا ئۇ بولمىسا، سىزمۇ بۈگۈنكىدەك پىشىپ يىتىلمىگەن بولاتتىڭىز.