ساختا ئىلىم

يوللانغان ۋاقتى : 2012-08-19 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 133 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ساختا ئىلىم

ئىلىم-پەننى، تاقىۋالسىڭىز تېخىمۇ ئۇز، ھەيۋەت كۆرسىتىدىغان تاج دەپ قاراپ قالماڭ؛ ئەكسىچە، سىز ئىلىم-پەننى ئۆزىڭىزگە سۈت بېرىدىغان، سىزنى بېقىپ چوڭ قىلىدىغان بىر سېيىر دەپ بىلىڭ.
بىز شۇنى بايقىدۇقكى، ئىلىم-پەن سىزنىڭ ئاجايىپ ياخشى ئادەمگە ئايلىنىشىڭىزغا ياردەم قىلالىغاندىلا ئاندىن ئۇ ھەقىقىي ئىلىم بولالايدۇ.
ئىلىم سىزدە ئەقىل-پاراسەت يېتىلدۈرەلىشى كېرەك. ئىلىم سىزگە پايدىلىق، خۇددى ياخشى يېمەكلىك سىزنىڭ ئاشقازىنىڭىزغا پايدىلىق بولغاندەك؛ بىراق، ئىلىم يېڭى، ساپ بولمىسا ياكى سىز ئۇنىڭغا زىيادە مەستانە بولۇپ كەتسىڭىز ئۇمۇ سىزگە زىيانلىقتۇر.
ئىلىم ئەھلى بەلكىم ئۇزۇن مۇددەت ئۆگىنىش بىلەنلا مەشغۇل بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇنىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆگىنىپ بولدى، دېگەنلىك ئەمەس، شۇنداقلا ئۇ ھەممىنى بىلەلەيدىغان ئەۋلىيا بولۇپ كەتتى، دېگەنلىك ئەمەس.
− گېئورگى.C. لېچتېنبېرگ

8-ئاينىڭ 19-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *