ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-26 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 121 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارلاردا ئېلېكتىرونلۇق تاماكا پەيدا بولدى. گېرمانىيە سەھىيە تارماقلىرى 19-دېكابىر كىشىلەرگە ئېلېكترونلۇق تاماكىنىڭ زىيىنىنى تۆۋەن چاغلىماسلىقنى ئەسكەرتتى ھەم ئىستېمالچىلارنى ئېلېكترونلۇق تاماكىنى سېتىۋالماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى قارىمىقىدىكى فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئىلزابىت پوتېر: «ئېلېكترونلۇق تاماكا چېكىش ساغلاملىق خېيىم – خەتىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى، ئۇنىڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئىس نەيچىسىدە كىشىنى خۇمار قىلىدىغان نىكوتىندىن سىرت، يەنە باشقا زىيانلىق ماددىلارمۇ بار. شۇڭا، ئېلېكترونلۇق تاماكا چېكىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بېرىمىز،» دېدى.

ئېلېكترونلۇق تاماكا ئاساسلىقى نىكوتىن ئېرىتمىسى قاچىلانغان ئىس نەيچىسى، پارلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە باتارىيەدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئىشلەتكەندە نىكوتىن ئېرىتمىسى ئىسسىقلىقنىڭ تەسىرىدە پارلىنىپ، ئېغىزغا سۈمۈرۈلىدۇ. نىكوتىن ئادەتتە پىروپىلېن گىلىكولدا ئېرىگەچكە، تاماكا چەككۈچىلەر ئېلېكترونلۇق تاماكا چەككەندە ئوخشاشلا ئىسنى سۈمۈرەلەيدۇ. تاماكا چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە، ئىس نەيچىسىگە يەنە شاكىلات، يالپۇز قاتارلىق پۇراقلىق ماددىلارنى قوشالايدۇ. شۇڭا، ئېلېكترونلۇق تاماكىغا قوشۇلغان نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. گېرمانىيە فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: «كىشىلەر ئېلېكترونلۇق تاماكىنى چەككەندىن كېيىن سۈمۈرگەن گازنىڭ %90كە يېقىنى پىروپىلېن گىلىكول بولۇپ، بۇ خىل خىمىيەۋى ماددا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەپەس يولىنى غىدىقلايدۇ، پىروپىلېن گىلىكولنى ئۇزاق مەزگىل، تەكرار سۈمۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس،» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ھازىرچە يەنە قىسمەن ئېلېكترونلۇق تاماكا تەركىبىدىن راك پەيدا قىلىدىغان نىتروزامىننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.

فېدېراتسىيە ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى: «ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئېلېكترونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن ئېرىتمىسىنى ئىزاھلاپ قويمىغاچقا، ئىستېمالچىلار دۇچ كېلىدىغان ساغلاملىق تەھدىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن،» دېدى. پوتېر يەنە تاماكا چەككۈچىلەرنى ئەسكەرتىپ: «ئېلېكترونلۇق تاماكا تاماكا تاشلاشتىكى ياخشى تاللاش ئەمەس،» دېدى. 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *