بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇشقا تىگىشلىك ھىكمەتلەر
قۇيمىچى بىخوت ئادەمگە ، ئوغرى بىپەرۋا ئادەمگە ، بۇلاڭچى قورقۇنچاق ئادەمگە ، ساختىپەز ھاماقەت ئادەمگە ئامراق كېلىدۇ .
شۇنى ئۇنتۇشقا بولمايدۇكى جەڭ مەيدانىدىكى ئوقيا تېگىپ ئۆلمىگەن قەھرىمان ، زىياپەت ئۈستۈلىگە تىزىلغان ھاراقتا ئۆلىدۇ
ئەخلاق ئانىلىق ئۇرۇق ، ئېتىقاد ئاتىلىق ئۇرۇق . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە ئىنسانىي كامىللىق تەۋەللۇت بولىدۇ .
بەخىت ئىچىدە ياشاۋېتىپمۇ بەخىت ئىزلەش ھېسقىلمىغان ئەڭ چوڭ ھەقىقى بەخىتسىزلىكتۇر . سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇرۇق قول گادايلىقىڭدىن ھەسرەتلەنمە . سېنىڭ ئەقلى ھۇشۇڭ بىلەن بەش ئەزايىڭ ھاياتلىقتىكى ھىچنەرسىگە تەڭ قىلغۇلى بولمايدىغان ئەڭ زور بايلىقىڭ .
خورلۇقتا قالغان ۋاقىتنى ئۇنۇت . لېكىن شۇ خورلۇق قالدۇرغان ساۋاقنى ئەستىن چىقارما !
ئەقىلنى سېتىپ پۇل تېپىش ، ھەقىقى زىرەك تەدبىركار ئادەمنىڭ ئىشىدۇر .
دۇنيادا ئادەمنى ئەڭ چارچىتىدىغان ئىش ئەھمىيەتسىز خىيالغا چۆمۈش ھەم ئۈنۈمسىز ئىش قىلىش .
كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى گەپ قىلماي تۇرۇۋېلىش .
ھەقىقەتكە تەلپۈنگەن يۈرەك ھەقىقى ھالدا ھەقىقەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلىيالايدۇ .
مۈشكۈلات ئالدىدا ئېگىلمىگەن باش ھاراق ئالدىدا ئېگىلىدۇ . قېلىچ ئالدىدا تۆكۈلمىگەن ياش مۇھەببەت ئالدىدا تۆكۈلىدۇ .
سەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرغىچە قۇربانلىق بېرەلەيدىغىنى پەقەتلا ئانا .
ئادەم ئەڭ بىزار بولغان نەرسىگە بەزىدە ئىنتايىن مۇھتاج بولىدۇ . پەقەت دوستىنلا مەدەت تىلىمەي ، دۈشمىنىگە قاراپ ئالغا باسالايدىغان ھەقىقى زېرەل ئادەمدۇر .
رىقابەت مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ : بىلىم ئىقتىدار رىقابىتى ، يەنە بىرى خوشامەت سوغا سالام رىقابىتى ، بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە بۇ ئىككىسى تەڭلا مەۋجۈت .
قۇلدارلار ، بايلار ۋەيران بولۇپ تەس كۈنگە قالغاندا ، ئىككى ئىشتىن قاتتىق پۇشايمان يەيدۇ : بىرى يوقسۇللاردىن خەۋەر ئالمىغىنىغا ۋە جەمىيەتكە تۆھپە قۇشالمىغىنىغا ، يەنە بىرى تازا قېنىپ ئەيىش – ئىشرەت ۋە راھەتتە ياشىيالمىغىنىغا .
بەزىلەرنىڭ كۆزى توق لېكىن قۇسقى ئاچ . پارىخورنىڭ بولسا قوسقى توخ كۆزى ئاچ كېلىدۇ .
سەن چۈشەندۈرەلمىگەنكەنسەن ئاغزىڭنى يۇم . مكتىھەم مۆتىھەمدىن قورقىدۇ .
ھەرقانداق شەكىلدىكى چېكىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا بىزار قىلىدۇ . سەن ئۆزۈڭنى بىلەلمىسەڭ باشقىلار تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىسەن .
ئارام ئېلىشنى بىلمەي دائىملا ئىشلەيدىغان ئىشۋاز بىر بولسا ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات كىشى . بىر بولسا بالدۇر ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغۇچى .
ئاياللارنىڭ ھكرمىتى ۋە ئىززىتى تىكلەنمىگەن ئائىلىدە ھەققانىيەتچى ۋە ۋىجدانلىق پەرزەنىتلەر يېتىشىپ چىقالمايدۇ . ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تۇرغۇزۇلمىغان ئائىلىلەردە ئىقتىدارلىق ، جۈرئەتلىك ، مەسئۇلىيەتچان پەرزەنت چىقمايدۇ .