يانفۇنىڭىزنىڭ مۇنداق ئىقىتىدارلىرىنى بىلەمسىز؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-07 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 193 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

يانفۇنىڭىزنىڭ مۇنداق ئىقىتىدارلىرىنى بىلەمسىز؟

يوشۇرۇن زاپاس باتارىيە

ئەگەر يانفۇنىڭىزنىڭ توكى ئاز قالسا، لىكىن داۋاملىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىز بولسا ،#3370*نى باسسىڭىز يانفۇن قايتا قوزغىلىدۇ، يانفۇن قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، يانفۇن توك مىقدارىنىڭ %50 ئاشقانلىقىنى كۆرىسىز، بۇنى ئىشلىتىپ بولۇپ يەنە توك قاچىلىشىڭىز كېرەك، لىكىن بەزى تېلفۇنلاردا ئىشلەنمەسلىكى مۈمكىن، بۇنى پەقەت جىددى ئەھۋاللاردا ئىشلىتىڭ !   
   
يانفۇن ئاسراشنىڭ مۇھىم ئامىللىرى

1. يانفۇننىڭ توكىنى پەقەتلا تۈگىتىپ ئاندىن توك قاچىلماڭ، ھەر ۋاقىت توكى بار ھالەتتە تۇرسا ئاندىن يانفۇننىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، چۈنكى ھازىر يانفۇنلاردا مۇشۇنداق باتارىيە ئىشلىتىلىدۇ.

2. يانفۇن ھەققىنىڭ قويمىچىلىرىدىن ساقلىنىڭ ! جوڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونىتلىرى 0000 دەپ يىزىپ 10086 غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز شۇ قويمىچىلارنىڭ مۇلازىمەتلىرى قايسى ئىكەنلىكى يىزىلغان ئۇچۇر قايتۇرىلىدۇ،00000 دەپ يىزىپ 186201 غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز بۇ قويمىچىلارنىڭ ھەممە مۇلازىمەتلىرى قايتۇرىلىدۇ .
3. بىر مىنۇتنى توشقۇزۇپ ئۇرماڭ، ئۇلار ئادەتتە 59 سىكۇنتنى 1 مىنۇت ھساپلايدۇ.
4. يانفۇنىڭىزغا سۇ كىرىپ كەتسە ھېچقانداق كۇنۇپكىنى باسماڭ، دەرھال باتارىيەنى چىقىرىپ يانفۇننى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قۇرۇتۇڭ.
5. باتارىيە كونىرىسا بۇنى سىناپ كۆرۈڭ، باتارىيەنى گېزىتتە ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلىمىگە 3 كۈن سېلىپ قويۇڭ، كېيىن ئېلىپ ئادەتتىكى تېمپۇراتۇرىدا 2 كۈن قويۇپ ئاندىن توك قاچىلاڭ، قېنى سىناپ كۆرۈڭ .
6. تېلفۇنىڭىز دائىم توك بار تۇرۇپمۇ ئۆچۈپ قالامدۇ ؟ ئۇنداق بولسا بۇنى سىناپ كۆرۈڭ .   خەت ئۆچىرىدىغان ئۆچىرگۈچ بىلەن باتارىيەنىڭ سېرىق مىتال يېرىنى پاكىز  قايتا – قايتا سۈرتۈڭ .  
ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن چىرايلىق ئۈزىڭىزنى قاچۇرماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل ئەپچىل چارىنى ئۆگۈنىۋېلىڭ.

1.قارشى تەرەپ سىزگە تېلىفۇن قىلسا <空号>بۇلۇپ قالىدىفان قىلماقچى بولسىڭىز:تېلىفۇنىڭىزغا **21*999999#نى كىرگۈزۈپ باسسىڭىزلا بولىدۇ.


2.قارشى تەرەپ سىزگە تېلىفۇن قىلسا <号码不全>بۇلۇپ قالىدىفان قىلماقچى بولسىڭىز:تېلىفۇنىڭىزغا **21*777777# نى كىرگۈزۈپ باسسىڭىزلا بولىدۇ.


3.ئەگەر يەنە ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولسىڭىز تېلىفۇنىڭىزغا ##21#نى كىرگۈزىپ باسسىڭىزلا بولىدۇ.

يانفونىڭىز يۈتۈپ كەتسە، ئوغرىمۇ يانفونىڭىزنى ئىشلىتەلمىسۇن
يانفونىڭىزغا بىۋاستە‹‹ #06#* ››نى كىرگۈزسىڭىز , يانفونىڭىزنىڭ ئېكرانىدا 15خانىلىق تەرتىپ نومۇرى پەيدا بولىدۇ ، بۇ نومۇر يانفونىڭىزنىڭ سالاھىيەت نومۇرى، سىز بۇ ساننى خاتىرە دەپتىرىڭىزگە يېزىۋېلىڭ. ئەگەر يانفونىڭىز يۈتۈپ كەتسە ، كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ياكى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تىجارەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ، كىملىكىڭىزنى كورسۈتۈپ ، يانفونىڭىزنىڭ سالاھىيەت نومۇرىنى بەرسىڭىز يانفونىڭىزنى ئېتىۋىتىدۇ. بۇچاغدا بۇ يانفونىڭىزنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
ئەگەر يۇقىرقىدەك قىلغاندا تىلفۇنغا باشقا كارتىنى سالسىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، ئۇ پەقەت بىر ئويۇنچۇققىلا ئايلىنىپ قالىدۇ…

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *