ھېكمەت
ھېكمەت
روسىيەنىڭ ئەسلى -ۋەسلىنى قۇرۇتقان ھاراق ۋە پايشىۋازلىق ياۋرۇپاغا ئۆتۈپ كەتمىسە دېگەن تەشۋىشتە مەن.
ـــــــــ ئوسترۋېسكى
شەرىق ئۆزىنىڭ لاتاپىتى بىلەن ھەممىنى ئۆزىگە رام قىلدۇ،ئەمما مەن پەقەت بۈيۇك ئىتقاددى تۇپەيلى سۆيدۈم.
Giyoti گىيۇتې
ھېكايەت
سالىمان فارىسى رەدىياللاھۇ ئەنھۇ (ئاللاھ ئۇ كىشدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كىيىن ئىراقتا ياشىدى ۋە ئۇ يەردىكى مەلۇم بىر شەھەرگە ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەنىدى، ئۇ كىشى ئۆزلەرى ساددا ،ئاددى ،ئاللاھقا ئىبادەتنى ياخشى كۆرىدىغان ، مەنسەپنى خۇش كۆرمەيدىغان كىشى بولسىمۇ بىر مۇددەت شەھەر ۋالسى بولۇپ تۇردى،
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى كوچىدا كېتىپ بارسا ئالدىدىن ئىككى ئىغىر سىۋەت كۆتۇرگەن دىھقان چىقىپ قالدى، ياردەمچىگە مۇھتاج بولۇپ تۇرغان دېھقان سالىمان فارىسىني كۆرۇپ سۇيۇنۇپ كەتتى.
ـــــ ھەي بۇياققا كەل ! -دېدى ئۇ ــــــ مانا بۇ سۈۋەتلەرنى بازارغىچە كۆتۇرۇشۇپ بەر.
سالىمان فارىسى ئاۋال دېھقانغا سالام قىلدى ئاندىن سىۋەتنى ئالدى ۋە ھەمراھلار جىم كېتۋەردى ، ئازراق ماڭغاندىن كىيىن شەھەرنىڭ كاتتا ئەمەلدارلىردىن بىر قانچىسى قارشى تەرەپتىن چىقىپ كەلدى، دېھقان ئۇلارنى كۆرۇپ ئىگىلىپ سالام بەردى، ئۇلار بولسا :ـــ ئەمىرىمىزگە سالاملەر بولسۇن !؛-دەپ تەئەززۇ قىلىپ ئۆتۇشۇپ كەتتى ،دېھقان بولسا ئەتراپىغا قارىدى ،ئىككلىسىدىن باشقا ھېچ كىشى يوق ئىدى ، ئەجەپلىنىپ :
ــــ سەن ئەمىر مۇ سەن ؟
ــــ ھە شۇ شەھەرنىڭ ئەمىرى سالىمان مەن !
دېھقان شۇ زامان ئەمىرنىڭ قولىدىكى سىۋەتنى ئېلىشقا تەمشەلدى ۋە :
ــــ كەچۈرۇڭ ! سىزنى تۇنۇماي سىزگە مالامەت قىلىپتىمە ، كەچۈرۇڭ ـ دەپ يېلىنىدى
ــــ ھېچقىسى يوق بۇ سىۋىتڭنى بازارغا ئېلىپ بېرىشقا نىيەت قىلغانمەن ، ئېلىپ بارىمەن!
شۇنداق قىلىپ سالىمان فارىسى رەدىياللاھۇ ئەنھۇ دېھقانغا سىۋەتنى بازارغىچە كۆتۇرشۇپ بەردى.
دېھقان بولسا ئەمىرنىڭ بۇ ئىشىدىن داڭ قېتىپ قالدى ………
- ئۆزۈڭنى تۈزەت! شۇندا ئادەملەر سەن ئۈچۇن تۈزىلىدۇ. ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
ئاقىل چىندىن باشقىنى دىمەس،بارچە چىننى دېمەك ھەم ئاقىل ئىشى ئەمەس.
ـــــ مەھبۇل قۇلۇپتىن
ئىخلاس- ئىخلاس كۆرسە يوقىتۇشتۇر، كىم ئۆز ئىخلاسىدا ئىخلاسنى كورسە ئۇنىڭ ئىخلاسى ئىخلاسقا مۇھتاجدۇر.
ـــــ ئەسسۇسى
ئەڭ ئەۋزەل زېرەكلىك تەقۋادۇر،ئەڭ كاتتا ئەخمەقلىق گۇناھ قىلشتۇر، ئەڭ ئۇلۇغ راسچىلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقتۇر،ئەڭ پەس يالغانچىلىق ئامانەتكە خىيانەت قىلشتۇر.
ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
نەپسىگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغنى ئىخلاستۇر،چۇنكى ئۇنىڭدا نەپسىنىڭ نىسىۋىسى يوقتۇر.
ـــــ سەھىپ ئىبنى تۇستەرى
زالىم ۋە پاسىق كىشىلەر ئۇچۇن ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئۇخلاشتۇر،چۇنكى ئۇ ئۇخلىغاندا ھەممە جىم بولىدۇ.
ــــ شەئىخ سەئىدى
ئاخىرى دەۋزاخ بولغان ياخشىلىق ياخشىلىق ئەمەس، ئاخىرى جەننەت بولغان يامانلىق يامانلىق ئەمەس.
ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
تىرىشچانلىق ھەرقانداق ئۇزاق يوللارنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، ھەرقانداق يېپىق ئىشىكلەرنى ئاچىرىدۇ.
ــــ سەددىردىن شىرراز
دۇنيا زىننەتلىردىن بىر زىننەت ئىنسان قەلبىگە كىرىپ كىبىر پەيدا قىلسا، ئىنسان تاكى شۇ زىننەتنى تەرىك ئەتمىگۇچە، ئۇ ئىنسانغا ئاللاھ غەزىبى يېغىپ تۇرىدۇ.
ـــــــ ئابابەكرى سىدىق رەدىيەللاھۇ ئەنھۇ
ھىكايەت
جارىيە ئىبنى قۇدامە سەدىى بىر كۈنى بەشىنچى ئەمىرۇل مۆمىنىن مۇئاۋىيە رەدىيەللاھۇئەنھۇنىڭ ھۇزۇرۇغا كىردى،ئۇنىڭ ئالدىدا مىھمانلاردىن روم شاھىنىڭ ئۇچ ئەمەلدارى ئولتۇراتتى.
مۇئاۋىيە جارىيە ئىبىنى قۇدامىگە :
ـــ سەن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ بىلەن بىرگە ئەمەس ئىدىڭ!؟ دېدى
ـــ ئەلىنى ئۆز ھالىغا قوي! ئاللاھ ئۇنى مۇككەررەم قىلسۇن! بىز ئەلىنى ياخشى كۆرۈمىز . يامان كۆرگىنىمىز يوق، ئۇنىڭغا خەيرى-خا بولغاندىن سىرت ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلمىدۇق. ــ دەپ جاۋاپ قىلدى ئۇ.
ـــ ئۆلسەڭ ياخشى بولاتتى جارىيە !! ئۆز ئەھلىڭگە شۇنچىۋاللا خار بولدۇڭما!ئۇلار سېنى جارىيە
يەنى چۆرە (دىدەك،قۇل)دەپ ئاتىشىپتۇ.
ـــ ئەھلىگە قۇل بولغان كىشى سەنسەن، مۇئاۋىيەنىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن ؟ قانجۇق ئىت دېگەن مەنىدە!!شەھۋىتى قۇتراپ ئۆلىدۇ ،باشقا ئىتلارنى ھەم ئۆلتۇرىدۇ!
ئەمىرۇل مۆمىنىن بۇ گەپكە چىدىيالماي :ــ بوش قال ! ئەي يىتىم ! دەپ توۋلىدى
ـــ ئۆزۈڭ جىم بول! مېنىڭ ئانام بار! ئانام مېنى قىلىچ ئۇچۈن تۇققان!شۇ قىلچ بىلەن سەن بىلەن روبى-رو بولىمىز، سەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۇكۈم قىلىش شەرتىگە ساڭغا ئىتائەت قىلشقا ۋەدە بەرگەن بىز !ئەگەر بۇ شەرتكە ۋاپا قىلساڭ بىزمۇ ساڭغا ۋاپا قىلمىز،ئەگەر باش بالتاقلىق قىلسا، بىزنىڭ ئارىمىزدا ناھايىتى كۈچلۇك تەقۋا كىشلەر بار،ئۇلار سېنىڭ زۇلۇم قىلشىڭغا يول قويمايدۇ. دەپ جاۋاپ بەردى جارىيە
مۇئاۋىيە يەنە ئاچچىقلاپ:
ـــ ئاللاھ ساڭغا ئوخشاشلارنى كۆپەيتمىسۇن !
جارىيە بۇنىڭغا جاۋابەن :
ـــ ئەي سەن !!!( ئەمىرۇل مۆمىنىن ھەم دېمىدى) توغرا گەپ قىل ! ھۆرمىتمىزنى ساقلا! بىزنى ئىدارا قىل ! چۈنكى ئەڭ يامان باشلىق زالىم باشلىقتۇر!!
جارىيە بۇ گەپلەرنى ئېيتىپ ئىزىن ھەم سورىماي مەجىلىستىن چىقىپ كەتتى.شۇندا ھېلىقى ئىككى روم ئەمەلدارى مۇۋائيەگە شۇنداق دېدى :ـــ بىزنىڭ پۇقرالاردىن بىرى شاھلارغا
مۇراجەت قىلماقچى بولسا شاھنىڭ تاپىنىغا باش قويۇدۇ ھەتتا شاھنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىنىڭ ئاۋازى ئازراقلا يۇقىرى چىكەتسلا ئۇنىڭ بېشى تىنىدىن جۇدا بولىدۇ ياكى ئوتقا تاشلىنىدۇ، بۇ ئەرەپنىڭ سىزگە بۇنداق تەھدىد سېلىپ تەڭ-تەڭ تۇرۇپ ۋاقىراپ گەپ قىلشقا نىمە ئۈچۇن يول قويدىڭىز ؟؟؟
شۇندا مۇئاۋىيە كۈلۇپ تۇرۇپ:
ـــ مەن ھەقىقى ئەركەكلەرنى باشقۇرۇمەن، ئۇلار ھەق يولدا مالاماتچىنىڭ مالامەت قىلشىدىن قوقمايدۇ؛قوۋمىمىنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ ئەرەپكە ئوخشايدۇ،ئۇلارنىڭ ئارسىدا ئاللاھتىن باشقىغا سەجدە قىلدىغان بىرەر كىشى يوق،ئۇلارنىڭ ئارسىدا زۇلۇمغا ئىن دىمەي قاراپ تۇرىدىغان كىشى ھەم يوق، مەن ئۇلاردىن تەقۋادىن باشقا ھىچ نەرسىدە ئارتۇق بولالمايمەن ، مەن ئۇ ئەرەپكە تىلىم بىلەن ئازار بەردىم، ئۇ بولسا ئىنساپ قىلدى، مەن بىرىنجى باشلدىم ، بىرىنىجى باشلىغۇچى ھەمىشە زالىمراق!!
بۇ ئىشنى كۆرۇپ ،رومنىڭ ئەملدارىدىن بىرسى ئۇزاققىچە ئويغا چۆمۇپ كەتتى ، مۇۋائيە بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان ئىدى ، ئۇ جاۋابەن:
ـــ شۇ كۈنگىچە بىز ئۆزۈمىزنى سىزلەر بىلەن باراۋەر سانايتۇق، ئەمما ھازىر بايىقى ئىشنى كېيىن، بىر كۈن كېلىپ سىزلەرنىڭ ھاكىمىيتىڭىزنىڭ بىزلەرنىڭ زىمىنغا يىتىپ بېرىشىدىن قورقۇپ قالدىم…