مارت 8 2012
wordدا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسنى مۇقىم تەڭشەش ئۇسۇلى
ئادەتتە ماتىرىيال بېسىش بىلەن شوغۇللىندىغانلار ئىچىدە بۇ ئۇسۇلنى بىلمەيدىغانلار ھەر قېتىم خەت ئۇرغاندا خەت نۇسخىسىنى بىر قېتىم تاللايدۇ، بۇ بىر ئاۋارىچىلىق، شۇڭا تۆۋەندىكى ئاددى ئۇسۇلنى سۆزلەپ بىرەي.
سىز WORD نى قوزغۇتۇپ ئۈستەل يۈزىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى تىل تاللاش ئورنىنى AR غا تەڭشەڭ، دائىملىق ماتىرىيال ئۇرغاندا ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنى تاللاڭ، مەسىلەن Ukij Tuz Tom , Alkatip Kitab Tom دىگەندەك . دائىملىق ئىشلىتىدىغان خەت نۇمۇرىنى تاللاڭ .
ئەمدى سىز 格式 دىن 字体 نى تاللاپ، ھېچقانداق يەرگە چېقىلمايلا 默认 نى تاللاپ جەزىملىۋەتسىڭىزلا بولدى دىگەن گەپ.
ئەمدى WORD نى قايتا قوزغۇتۇپ، كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى AR (ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش) ھالىتىگە تەڭشەپ بېقىڭ ،بىر مىنۇتتا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز