ياخشى خوتۇن ئال
ياخشى خوتۇن ئال
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئەگەر سەن خوتۇن ئلىشنى خالىساڭ ، سەرخىلىنى ئىزدە ، كۆزۇڭنى بەك ئىتتىك تۇت ،. تىگى ياخشى ، ئۇرۇقى پاك بولسۇن ، ئۇياتلىق ، تەقۋادار ، پاكىز بولۇشنى تىلە . قول تەگمىگەن ئوبدان قىز نى ئال . سەندىن باشقا ئەر يۈزىنى كۆرمىگەن بولسۇن ، بۇنداقلار پەقەت سىنى سۆيىدۇ ، سەندىن باشقىسىنى بىلمەيدۇ . يارىماس ، نا مۇ ۋاپىق ئشلارنى قىلمايدۇ . خوتۇن ئالساڭ چىرايىنىڭ كۆركەملىكىنى ئىزدىمە ، قىلىقى ياخشىنى ئىزدە ، خۇي پەيلى ياخشى بولسا سىنى روناق تاپقۇزىدۇ . خوتۇننىڭ ئۆزۇڭگە مۇناسىپ كىلىدىغىنىنى ئال . كىم ئۆيلەنمەكچى بولسا مۇنداق تۆت خىل ئايال بولىدۇ ؛ بەزىلەر باي ئايالغا ئۆيلۈنۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ؛ بەزىلەر بەزىلەر چىرايلىقلىرىغا كۆز تىكىدۇ ، ئۇنى خالايدۇ ؛ يەنە بەزىلەر تىگى ئسىل ، پاك بولۇشنى خالايدۇ .
ئۇنداقلارغا ئىرىشسە دەرھال ئۆزىنى بىغىشلايدۇ . بۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئيتىپ بىرەي ، قۇلۇقۇڭدا چىڭ تۇت . خوتۇن تاللاشتا باينى تاللىغۇچى ، سەن ئۇنۇڭغا قۇل بولۇپ قالمىغىن . كۆڭلى بايلىققا مەپتۇن بولۇپ ، ساڭا تىلىنى ئۇزارتىدۇ . خالىغان نەرسىنى ئىلىپ بىرىشكە توغرا كىلىدۇ . ئەي ، نەسلى ئۇلۇغ خوتۇننى ئىزلىگۈچى ، ئۇلۇغ نەسىل ئارسىدا ئۆزۈڭنى خار قىلما ، ئەسىل – نەسىل ئۇزۇنلارنىڭ تىلى ئۇزۇن بولىدۇ ، ئۇنۇڭغا قۇل بولۇپ قالما . ئەي نازۇك تەقۋادار خوتۇننى ئىزلىگۈچى بەگزادە ، بۇنداق خوتۇنغا ئرىشسەڭ ئاشۇ تۆت نەرسىگە ئرىشكەن بولىسەن ، تەقۋادار خوتۇنغا ئىرىشسەڭ ، ئۇنى قولدىن بەرمەي ئال .
باي بولۇشنى خالىساڭ ، ئۇ مال دۇنيا يىغىپ بىرىدۇ ، سىنى بىيىتىدۇ ، يۈزۈڭنى يورۇق قىلىدۇ ، قىلىقلىرى توغرا بولسا گۈزەل كۆرىنىدۇ ، .ئايالنىڭ گۇزەللىكى ئۇنىڭ قىلىقلىرىدۇر . ئايال تەقۋادار بولسا ئىسىل بولىدۇ ، ئىلىقى ئۈچ نەرسىمۇ ئۇنۇڭدا جەم بولغان بولىدۇ ، سەن ئاشۇنداق خوتۇنغا ئرىشىش ئۈچۈن غەيرەت قىل …… ؛
مەنبە ؛ << بەخىت رىسالىسى >> ناملىق كىتابدىن ئىلىندى .
WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان