ئۆزگەرگەن ئوغۇل
ئۆزگەرگەن ئوغۇل
بىر بوۋاينىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. بىر كۈنى، كىچىك ئوغلى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئاتا، سىز ماڭا تەئەللۇق بولغان مال – دۇنيانى بۆلۈپ بېرەمسىز؟» دەپتۇ. ئاتىسى ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولۇپ، بېرىشكە تېگىشلىك مال – مۈلۈكنى بېرىپتۇ. بىرقانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كىچىك ئوغلى ئۆزىنىڭ بارلىق مال – دۇنيالىرىنى ئېلىپ، يىراق بىر يەرگە كېتىپ، ئۇ يەردە ئۆز مال – دۇنياسىنى بۇزۇپ چېچىپتۇ. ئۇ يېنىدىكى ھەممە پۇللارنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن، كوچىغا چىقىپ قەلەندەرچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاتىسىنى، ئۆتۈپ كەتكەن بارلىق ئىشلارنى ئويلاپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كېتىپ ئۆز – ئۆزىگە: «مەن تەڭرىگە، ئاتامغا يۈز كېلەلمەيمەن، قايتىپ كېتىپ، ئۇنىڭدىن مېنى كەچۈرۈشىنى تىلەيمەن» دەپتۇ. ئۇ يەنە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئۇ مەھەللىگە كىرگەندە، ئاتىسى يىراقتىنلا ئۇنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىۋاپتۇ. كىچىك ئوغلى خىجىل بولغانلىقتىن يىغلاپ تۇرۇپ: «ئاتا، مەن سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا مەن چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، مەن ئوغلىڭىز بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس» دەپتۇ. بوۋاي كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. كېيىن ئۇ ئۆيىدىكىلەرگە: «دەرھال بېرىپ يېڭى كىيىم، يېڭى ئاياغلارنى ئەكىلىڭلار. مەن ئۆز قولۇم بىلەن ئوغلۇمغا كىيدۈرۈپ قوياي. ئارقىدىن ئەڭ سېمىز كالىدىن بىرنى سويۇپ، ئوغلۇمنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيلى! مەن تەڭرىگە رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك، چۈنكى ئوغلۇم قايتىدىن قېشىمغا قايتىپ كەلدى، گەرچە ئۇ ئىلگىرى نىشانىنى يوقىتىپ قويغان بولسىمۇ، بىراق ھازىر يېڭى ئوغۇلغا ئېرىشتىم!» دەپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بوۋاينىڭ چوڭ ئوغلى يەنىلا ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقانىكەن. ئۇ ئىشىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، ناخشا – ئۇسسۇل ئاۋازىنى ئاڭلاپ قاپتۇ. ئۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغاندا ئۆيىدىكىلەر: «ئىنىڭ قايتىپ كەلدى، داداڭ ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ» دەپتۇ. چوڭ ئوغلى بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەبكە كېلىپ، ئۆيىگە قەدەم باسقىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى چىقىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈنۈپتۇ. چوڭ ئوغلى: «سىز بۇنداق قىلسىڭىز ئادىل بولامدۇ؟ شۇنچە يىللاردىن بېرى مەن ئىزچىل تىرىشىپ ئىشلىدىم، ئەزەلدىن ھورۇنلۇق قىلىپ باقمىدىم، بىراق سىز ماڭا بىر ئۆچكە بولسىمۇ بېرىپ باقمىدىڭىز. بىراق، بۇ ئوغلىڭىز مال – دۇنيانىڭ يېرىمىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپ قۇرۇق قول قايتىپ كەلگەندە، سىز ئەكسىچە ئۇنىڭغا ئەڭ سېمىز كالىنى سويۇپ بېرىپسىز» دەپتۇ. بوۋاي ئۇنىڭغا: «ئوغلۇم، سەن ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ، سەن تىرىشىپ ياراتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە سېنىڭ بولىدۇ. سېنىڭ ئىنىڭ قايتىپ كەلگەندە، بىز چوقۇم تەبرىكلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئىنىڭ ئىلگىرى نىشانىدىن ئېزىپ قالغان، ھازىر ئۇ ئاخىر ئۆزىنى تاپتى. ئۇ باشقىچە ئادەمگە ئۆزگەردى» دەپتۇ.
شۇنداق، بىز بالىلارنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ئەيىبلەپ تىللاپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك، ئەكسىچە، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىشىمىز، قۇتقۇزۇۋېلىشىمىز كېرەك.