دېكابىر 6 2012
ئىككى ياشقا كىرگەن بالىلارنى دورا تېڭىپ داۋالاشقا بولىدۇ
تال، ئاشقازان ۋە ئىشتىھاسى ناچار بالىلار، دائىم زۇكام بولۇپ قالىدىغان، كېكىردەك ياللۇغلىنىپ قالىدىغان بالىلار ھەمدە سەزگۈرلىكى ئالاھىدە ئېشىپ كەتكەن ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ، قىشتا ئاسان پەيدا بولىدىغان كېسەللىكلەرنى يازدا داۋالاتسا بولىدۇ، كىچىك بالىلارنىڭ تېرىسى بەك يۇمران بولغاچقا، داۋالاشقا بەرداشلىق بىرىشى ئاجىز بولىدۇ، ئادەتتە ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا دورا بىلەن تېڭىپ داۋالىسا بىخەتەر بولىدۇ. بۇ خىل داۋالاش تېرىسى زىيادە سەزگۈر ياكى قىزىتمىسى ئۆرلىگەن بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ.
ئىگىلىنىشچە، كىچىك بالىلارنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچى چوڭلارنىڭكىدىن ئاجىز بولغاچقا، ئاسانلا زۇكامدايدۇ، بالىلارغا كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى يازدا داۋالىغاندا، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. كىچىك بالىلارنى دورا بىلەن تېڭىپ داۋالىغاندا، بالىلارنىڭ دورا چاپلىغان ئورۇننى قولى بىلەن تۇتماسلىقىغا، ھەر قېتىمدا دورا بىلەن تېڭىش ۋاقتى ئۇزۇن بولماسلىقىغا ۋە بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ مارۇژنى قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.