دېكابىر 6 2012
بالىڭىزغا تۇزنى ئازىراق بېرىڭ
بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئىچكى ئەزالىرى تولۇق يېتىلەلمەيلا قالماستىن، قاندىكى زىيانلىق تەركىبلەرنى چىقىرىۋېتىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى. بالىلار تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا قاندىكى ناترىي تومۇرلاردا قېلىپ، قان مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، شامالدارىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن سىرت، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ سۇلۇق ئىششىق، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى. بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا كېسەلگە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپلا قالماستىن، بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ، ھەر خىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە پۇرسەت ھازىرلاپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىسمەن يۇقىرى نەپەس يولى ياللۇغى كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
سىنىك كەملىك. تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ سىنىكنى نورمال ھەزىم قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سىنىك كەملىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدۇ