قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەنلەر
قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلەتكەنلەر ئېلاننى بەك چېكىدۇ؟
بۇ خەۋەردە بىز ھەرقايسى توركۆرگۈچلەرنىڭ قايسىسىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلماي تۇرايلى، بىز باشقىچە نۇقتىدا تۇرۇپ ئۇلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى، يەنى زادى قايسى توركۆرگۈچنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئېلانلارنى چىكىش نىسبىتى يۇقىرى تۇرار؟! بەلكىم سىزIE تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ كومپىيۇتېر بىلىمى تازا يۇقىرى ئەمەس، شۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئېلان چىكىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق، بۇ چاغدا سىز خاتالاشقان بولىسىز! ئەمەلىيەتتە، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى بولسا Opera، ئىككىنچىسى Safari ، ئۈچىنچىسى بولساIE ئىكەن.
بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ماتىرىياللار ئىنتېرنېت ئېلان شىركىتى Chitika تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە Opera تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ توربەتتىكى ئېلاننى چىكىش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان،ئەمەلىيەتتە Opera توركۆرگۈچىسىنى ئىشلىتىدىغانلار ھەرگىزمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ئاران%1 ئىدى، باشقا تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىنى ئىزدەپ باقساقمۇ، Opera نىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى ھەرگىز %2 كە چىقىپ باقمىغان.
ئۇنداقتا، Opera دىن ئىبارەت بۇ يانفون تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئېلان چىكىش نىسبىتى نېمە ئۈچۈن بۇنچە يۇقىرى؟ ئەجەبا ئۇلار يانفون ئېكرانى كىچىك بولغاچقا ئېلانلارنى ئۇقۇشماي چىكىپ سالغانمۇ يا؟
بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتىغا مەركەزلىشىشى مۇمكىن.
بىرىنچىدىن، ئېلان سۈزىدىغان قىستۇرما ئەپلەر يانفونغا تېخى ئۇنچە بەك ئوموملاشمىدى، يەنە بىر جەھەتتىن، يانفون ئېكرانىنىڭ كىچىك بولۇشىدىن كىلىپ چىققان بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئىككىنچىدىن، كۆپ قىسىم يانفون توربەتلىرىنىڭ لايىھەسى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئېسىل لايىھەلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنى ئاسانلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەر راستىنلا ئۆزى خالاپ ئېلان چىكىشى مۇمىكىن.