يەتتە خىل رەڭنىڭ كارامىتى
سىز بىلەمسىز؟ نېرۋا ئاجىزلىق، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە كەيپىياتى ناچار بولۇش قاتارلىق ھەرخىل مىجەز-پىسخىكا ئۆزگىرىشىنى رەڭ ئارقىلىق يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
باش ئاغرىش-قىزىل رەڭ
دورا ئۈنۈمىنى يوقاتقاندا، ھېچقانداق ئۈنۈملۈك ئامال تاپالمىغاندا، سوغۇق سۇغا چىلانغان قىزىل رەڭلىك لۆڭگىنى كۆزىڭىزنىڭ ئۈستىگە قويۇڭ، ئۇزاق ئۆتمەي راھەتلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز، قىزىل رەڭ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىدىغان بولۇپ، ئادرېنالىننىڭ ئاجىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇڭا تارتىشىپ قېلىش، باش ئاغرىش قاتارلىقلار بىردەمدىلا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، قىزىل رەڭ ئەسلىدىنلا ئۈمىدۋارلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، قىزىل ئەتىرگۈلنى ئويلىساقلا كىشىنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ، كەيپىيات ياخشىلىنىدۇ.
خىزمەت بېىسمى ئېشىپ كەتسە-سۇس ھاۋا رەڭ
ئەگەر خىزمەت بېسىمى سىزنى بارلىق خۇشاللىقلاردىن مەھرۇم قىلسا، سىز ئەتراپىڭىزدىكى سۇس رەڭلىك نەرسىلەرگە قاراڭ، دەل شۇ چاغدا ئاسمان شۇ رەڭدە بولسا تېخى ياخشى، چۈنكى سۇس ھاۋا رەڭ «نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ. قان بېسىمنى چۈشۈرىدۇ، ئاشۇ خىزمەتتىن چارچىغان چېغىڭىزدا ئىشخانىدىكى ئۈستىلىڭىزنىڭ ئۈستىگە ھاۋا رەڭلىك نەرسىنى ياكى ياكى كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ ئېكران يۈزىنى ھاۋا رەڭلىك رەسىمگە ئۆزگەرتىۋىلىڭ بەلكىم بۇ ئازادىلىكلەر ئەكەلگەن خىزمەت ئۈنۈمى كۆرىنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈپ قېلىشىغا پايدىسى بولسا ئەجەپ ئەمەس.
ئۇيقۇسىزلىق-ئەتىرگۈلنىڭ رەڭگى
ئەگەر سىز ئۇيقۇسىزلىق سەۋەبىدىن ئىزچىل بېشىڭىز قاتقان بولسا ھۇجرىڭىزنىڭ رەڭگىنى ئەتىرگۈلنىڭ رەڭگىدە قىلىپ ئۆزگەرتىۋىلىڭ، بۇنىڭدىنمۇ تېجەشلىك بىر ئامال بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇخلاش كىيمىڭىزنىڭ رەڭگىنى ئەتىرگۈل رەڭگىدە ئۆزگەرتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەتىرگۈل رەڭگىنىڭ ئاچچىقلاشنى يېنىكلىتىپ، ئازادە-تىنىچ كەيپىيات ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، شۇڭا كىشىلەر ئىناق تۇرمۇشنى «ئەتىرگۈل ھايات»دەپ تەرىپلىشىدۇ.
چۈشكۈنلۈك-ئاپلىسىن رەڭگى(قېنىق سېرىق رەڭ)
ئەگەر سىزنىڭ ئىچىڭىز سىقىلىپ، چۈشكۈنسىزلىشىپ كەتسىڭىز ئاپلىسىن رەڭلىك كىيىم كىيىڭ ياكى بىرەر جىڭ ئاپلىسىپ سېتىۋىلىپ ئىستىمال قىلىڭ، ئاپلىسىن رەڭگىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇنچىلىك زوركى، كۆز ئالدىمىزدىكى كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇپ، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ. يەنە ئاپلىسن رەڭگى ئادەم بەدىنىدىكى لىمفا سېستىمىسىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىسلىتىنى تەڭشەپ بەدەننى تازىلاشقا تۆھپە قوشىدۇ.
ئىككىلىنىش-يېشىل رەڭ
تەبىئەتنىڭ يېشىل رەڭگى كىشىنىڭ ئىمۇنىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، سىز ئىككىلىنىپ قالغاندا، قانداق تاللاشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغىنىڭىزدا، يېشىل رەڭلىك كىيىم كىيسىڭىز ياكى ئورمانلىقتا بىردەم يالغۇز مېڭىپ ئاندىن ئويلانسىڭىز قارارغا ئىتتىك كېلەلەيسىز، ئۇنىڭدىن باشقا يېشىل رەڭ ئادەمنىڭ يۈرەك ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۆرىنەرلىك ياخشىلايدۇ.
تىت-تىت بولۇش- بىنەپشە رەڭ
بىنەپشە رەڭ ئادەم بەدىنىدىكى ياللۇغلىنىشنىڭ يېنىشىغا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ ھەمدە ئاجىزلاشقان نىرۋىلارنى تىنىچلاندۇرۇپ، كۆزدىكى بىئارامسىزلىق ۋە باش ئاغرىشنى يوقىتىدۇ، ئىشتىھانى ياخشىلايدۇ، ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلغان چېغىڭىزدا ئەتراپىڭىزنى بىنەپشە رەڭ بىلەن تولدۇرۇپ بېقىڭ، چوقۇم ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
تەمتىرەپ قېلىش-قارا رەڭ
قارا رەڭ مەڭگۈلۈك مىلودىيە ھەم تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رەڭ، ئۇ سىزنى باشقىلاردىن بىمالال ئايرىيالايدىغان ھەم كىشىلەرنىڭ ھەرخىل تۇترۇقسىز باھا بېرىشلىرىدىن ساقلاپ قالالايدىغان رەڭ، سىز تەمتىرەپ قالغان چېغىڭىزدا ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىدىغان ھەم ئۆزىڭىزدىن خۇشاللىق تاپقۇزالايدىغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە لاتاپىتىڭىزنى ئەڭ مۇھىمى سىرتقى كۆرۈنىشىڭىزنىڭ جەزبىدارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋىتەلەيدىغان رەڭ.