ئاتا-ئانىلىق لاياقىتى ھازىرلىدىڭىزمۇ؟
ئاتا كىم؟ خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتىقاندا، ئائىلىدە ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ، جىسمانىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇھىم ۋەزىپىلەرنى بېجىرىدۇ. ئائىلىنى ماددىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش، ئايالى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇش، ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا غەمخورلۇق قىلىش ئاتىنىڭ زىممىسىدىدۇر. ئاتا ئەۋلادلارنىڭ مەنىۋىيىتى ۋە قەدىر-قىممىتىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچى ئاساسىي شەخىستۇر. تەربىيە بېرىدىغان شەخىسنىڭ ئۆزى خۇددى بوۋىلار ئېيتقاندەك «تەربىيەلىك، ھەققانىي ۋە بەركامال ئىنسان» بولۇشى كېرەك. پەرزەنتكە نىسبەتەن ئاتا ئاساسىي ئېتىقاد نۇقتىسىغا ئايلانمىسا ۋە ئۇلۇغلانمىسا، ئائىلە تەربىيەسى مۇكەممەل بولمايدۇ. ئاتا بولۇش بىر خىل مەردلىك ۋە جاسارەتتۇر.
ئۇنداقتا، ئانا كىم؟ ئانا ـــــ ئائىلىنىڭ پاسىبانىدۇر. رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇغۇل ئانىنى ئۈچ قېتىم ھەجگە ھاپاش قىلىپ ئاپرىپ كەلسىمۇ، ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن چەككەن زەخمەتلىرىنىڭ ئۇچقۇنچىلىق بولمايدىكەن. ئانىنىڭ پەرزەنتنى ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلىش يولىدا چەككەن رىيازىتىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەت ۋە خىزمەتمۇ كەملىك قىلىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، ئانا ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس زاتتۇر.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەشتىكى 17 ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى(1)
ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(2)
ئامېرىكىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى(3)
ئانىنىڭ ئەڭ بۈيۈك خىزمىتى شۇنىڭدىكى، ئۇ پەرزەنتلەردە ئاۋۋال ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەت-مېھىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مېھىر تۇيغۇسى بالا بۆشۈكتىكى ۋاقتىدىلا قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغان ئانا ئەللىيىنىڭ ئارامبەخىش سادالىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە ئورنىشىدۇ. ئانا ئاتىغا قارىغاندا بالىغا مېھرىبانراق كېلىدۇ، ئۇنى ھەرۋاقىت كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرايدۇ، يۇيۇپ تارايدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى، قەلبى، مېھرى، ئېتىبارى ۋە مېھنىتىنى بېغىشلايدۇ. ئىنسانغا خاس بولغان ئەڭ ئېسىل، ياخشى پەزىلەتلەر بالىغا ئانىدىن ئۆتىدۇ. چۈنكى، بالا كۆپ ۋاقىت ئانىنىڭ باغرىدا، يېنىدا بولىدۇ، شۇ جەرياندا ئۇنىڭدىن ھايات ساۋاقلىرىنى ئالىدۇ. ئالەم ۋە ئادەملەرگە بولغان مۇھەببەتنى ئۆگىنىدۇ. بالا تەربىيەسىدىكى ئەڭ ئېغىر، مۇشەققەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتلىك دەۋر، يەنى ئىنساننىڭ ئىنسان بولۇپ شەكىللىنىدىغان دەۋرى ئانىنىڭ باغرىدا كېچىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئېرىشكەن ھەممە نەرسىنى ئانا قوينىدا بېرىلگەن تەربىيەنىڭ ئوزۇقىدىن، دەپ بىلىش كېرەك. ئانا ھېچقاچان پەرزەنتىگە يامانلىقنى راۋا كۆرمەيدۇ، ئۇ بالىسىنىڭ پاسىبانى، ھېمايىچىسى، سىرداش دوستى ۋە قىبلىگاھىدۇر.