ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك
ئاياللار ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك ھەر قانداق بىر ئايال كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولۇشنى ئويلايدۇ. ئەلۋەتتە سىزنى سۆيىدىغان شۇ ئەرمۇ سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر بەخت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنىڭ سىزگە ئاتا قىلغان بەختى ئىنتايىن چەكلىك بولپ، سىز ھېس قىلغاندىكىدەك گۈزەل رومانتىكا تۇرمۇشىڭىزدىن بارا- بارا يىراقلىشىشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن ئاياللار چۈشكۈنلىشىدۇ. ئېرىدىن، تۇرمۇشىدىن زارلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق زارلىنىشلار سىزگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. ئەكسىچە ئېرىڭىزنىڭ نارازىلىقىنى، ھەتتا ئۆچمەنلىكىنى قوزغاپ قويىسىز.
بەلكىم سىز ئائىلىڭىزنىڭ پۈتۈنلىكى، بەختى ئۈچۈن ئېرىڭىزدىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانسىز. شۇ سەۋەپتىن بۇلار سىزگە ۋاقىتسىز ھارغىنلىق ئېلىپ كېلىپ، تۇرمۇشىڭىزدىن زېرىكىش ھېس قىلىۋاتقانسىز. لېكىن شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇنداق ئەھۋالدا ھەرگىزمۇ ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماڭ. ئەمەلىيەتتە ئەرلەر نۇرغۇن ئىشلاردا بىپەرۋا بولۇپ، ئاياللاردەك چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشنى خالىمايدۇ. شوڭا ئەڭ موھىمى، سىز ئۆزىڭىزدىكى بەختنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ. ئائىلىڭىزدىكى كۆڭۈللۈك ئىشلارنى ئويلاپ، ئۆزىڭىزنى خوشال تۇتۇڭ.
بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە بېرىدىغىنى چەكلىك بولىدۇ. شوڭا ئاياللار ئامال بار ئېرىدىن كۆپ نەرسە تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك. ئېرىڭىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىڭىز قانچىكى كۆپ بولغانسېرى، ئۇ ئائىلىدىن بىزار بولۇشقا باشلايدۇ، ھەتتا سىرتقا قاراپ قېلىشىمۇ مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزنى ھەر ۋاقىت بەخت ئىچىدە تۇرىۋاتقاندەك خوشال تۇتۇڭ. بۇ ئۆزىڭىزگىمۇ، ئائىلىڭىزگىمۇ پايدىلىق.