گۆشنى ئىسسىق سۇدا يۇيسا گۆشنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-24 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 212 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

yangru

خام گۆشنىڭ ئۇزۇقلۇقى مول بولۇپ، باكتېرىيە يېتىلىدىغان ماكان ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر گۆشنى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن يۇيۇشقا ئادەتلەنگەن. بىراق گۆش يۇيۇش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ئۇزوقلۇقى زىيانغا ئۇچرىشى، ھەتتا بىخەتەرلىككە يوشۇرۇن خېيىم-خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

بەزىلەر قولايلىق بولۇشنى ئويلاپ، خام گۆشنى بىۋاستە جۈمەكتىكى سۇغا تۇتۇپ يۇيىدۇ. جۈمەككە تۇتۇپ گۆش يۇيغاندا گۆشتىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە جۈمەكتىن چۈشكەن سۇ بۇژغۇنسىمان ھالەتتە تەرەپ-تەرەپكە چاچراپ، گۆشتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان، ھەم كۆرگىلى بولمايدىغان، ياكى تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ يۈرگەن باكتېرىيەلەرنى چاچرىتىپ ئاشخانىغا تارقىتىدۇ ۋە داس، ئاشتاختا، پىچاق، قاچا-قۇچا قاتارلىقلارغا يۇقىدۇ. سۇ بۇژغۇنلىرى قەيەرگە بارسا باكتېرىيەلەرمۇ شۇ يەرگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى قېتىم خام يېمەكلىكلەرنى جۈمەككە تۇتۇپ يۇيغاندا، ياكى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى پىچاق بىلەن كەسكەندە پىچاقتىكى ۋە جۈمەكتىكى باكتېرىيە يېمەكلىككە يۇقۇپ، يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋىپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

يەنە بەزى كىشىلەر گۆشنى داس ياكى كورىغا قۇيۇپ ئۈستىگە قايناقسۇ تۆكۈپ يۇيىدۇ. بۇنداق يۇيۇش پاكىز بولسىمۇ، بىراق گۆش تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۆش تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، گۆشنى قىزىق سۇغا چىلىغاندا گۆشتىكى ئاقسىل سۇغا چىقىپ كېتىدۇ-دە، ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشى كېلىپ چىقىدۇ. بەزى ئامونىي ئاساس كىسلاتاسى تۈرىدىكى پۇراقلىق ماددىلار ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلارمۇ سۇدا ئېرىپ كېتىدۇ. تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىنىشىچە، توخۇنىڭ تۆش گۆشىنى قىزىق سۇغا چىلىغاندا نۇرغۇن كىراخمالنىڭ ئېرىپ ئازۇتلۇق بىرىكمىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، ئۇنىڭدىن سىرت گۆشتىكى ئومۇمىي ئازۇت مىقدارنىڭ %5 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

شۇڭا، گۆش يۇيغاندا گۆشنى جۈمەكتىن چۈشۈرگەن سۇغا تۇتۇپ يۇيماسلىق كېرەك. مۇقىم بىر داس ياكى كورىغا قۇيۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن يېنىك يۇيۇپ، ئاشخانىنىڭ نېپىز قەغىزى بىلەن قۇرۇتۇپ ئاندىن پىشۇرۇش كېرەك.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *