ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-06-11 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 144 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بايلارنىڭ كۈنلىرى ئارامخۇدا ئۆتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ھەمىشە ئۆز بايلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپلا دەككە-دۈككە يۈرىدۇ. ئۇ قانچە بېيىغانچە تەشۋىش-غەملىرى شۇنچە كۆپىيىدۇ. باي باي بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ، ئۇلار باي بىلەنلا دوست تارتىشىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ گۇناھى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا نامراتلارنىڭ ھەقىقىي دوستى بولالمايدۇ.
سەدىقە بېرىدىغان خەير-ساخاۋەتلىك بايلار ساختا ساخاۋەتچىلەردۇر، چۈنكى، ئۇلار سەدىقە قىلغان پۇللار ئەسلىدە ئۇلاردىن نامرات كىشىلەرنىڭ قولىدىن بۇلاپ ئېلىۋېلىنغان.
مەن نەگىلا قارىسام، بايلارنىڭ توزاقلىرىنى كۆرىمەن، ئۇلار نامرات، يوقسۇللارغا ياردەم قولىنى سۇنۇش باناسىدا، ئۆزلىرىگە ياخشى بولىدىغان ۋە پايدىسى تېگىدىغان ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالىدۇ.
−سىر توماس مور
ئىنساپ بولسا باي بولماس، باي بولسا ئىنساپ (بولماس)−چىن ماقالى.
ھەممە ئادەم ھەقىقەت ۋە خۇدانىڭ ئالىمىنى ئىزدىسە، نامراتلىقمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ.

6-ئاينىڭ 11-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *